باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا ئافرىقا پايتەختىدە قالايمىقانچىلىق بولۇپ 300 ئادەم قازا قىلدى

2013.12.10 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاۋازى «خەۋەرلەر سالونى»نىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ 5-دېكابىردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بانجىتتا ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش يۈز بەرگەن. شۇ يەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، توقۇنۇش جەريانىدا ئاز دېگەندە 300 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

  ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بولسا ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، ئىلگىرى فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىكى ئۇبانج- شال رايونىغا تەۋە بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولغان. سابىق پىرېزىدېنت بوجىس بۇ يىل 3-ئايدا ھەربىي تەرەپ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر دۆلەت قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان، يېقىندا سابىق پىرېزىدېنتنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز پايتەختكە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن توقۇنۇش پەيدا قىلغان.

  دەھشەتلىك توقۇنۇشتا نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆي-ماكانسىز قالغان ھەمدە بۇ مەزگىلدە، ئافرىقا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېچىلغان، شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قىزغىنلىقىنى قوزغىغان. شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، فرانسىيە تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

  ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بولسا دۇنيادىكى داۋالغۇش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالاش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، ئۆكتىچى كۈچلەر مۇۋاپىق ئورۇنغا ئېرىشمەكچى بولغان، ئەمما بىر قەدەم مۇقىم بولغان ئولتۇراق رايونى تاپالمىغان، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئوخشىمىغان دىنى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش پايتەختىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغان ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئەڭ تالاش-تارتىش قىلىنغان تېمىغا ئايلانغان. ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئەسكەر ئەۋەتىپ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان، ئەمما نەچچە ئايدىن بۇيان توقۇنۇش بېسىقىپ باقمىغان. كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ بارغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا قارىتا ئېنىق بولمىغان ستاتىستىكا مەلۇم قىلىنمىغان. فرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان پايتەخت ئايرودرومىغا نۇرغۇن مۇساپىرلار توپلىشىپ قالغان، چۈنكى ئۇلار يىغىلغان رايونلار بولسا فرانسىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلار بولۇپ، بىخەتەرلىك ئەھۋالى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان.

  فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاۋىياتسىيە بازىسى قوغداش رولىنى ئوينىغان، فرانسىيە ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى قوراللىق كۈچلەر بەلگىلىك بولغان ياردەمگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەر ئاللىقاچان پايتەختتىن ئايرىلغان، ئەمما بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەر يەنىلا پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم مۇھىم جايلارغا يوشۇرۇنغان. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فرانسىيە ئارمىيەسى بىر نەچچە قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر