- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
45% رۇسىيىلىك بەش يىلدىن كېيىن يېڭى پىرېزىدېنت مەيدانىغا كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن
2013.12.10 16:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە «ئىقتىساد بازىرى» خەۋەرلەر تورىنىڭ 7-دېكابىرىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %45 رۇسىيە پۇقراسى رۇسىيەدە بەش يىلدىن يېڭى رەھبەر مەيدانغا كېلىپ، ھازىرقى پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئورنىنى ئالىدۇ دەپ قارايدىكەن.
رۇسىيە لىۋادا تەتقىقات مەركىزىنىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىشىچە، تەخمىنەن %45 رۇسىيەلىكنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىدە بەش يىلدىن كېيىن يېڭى رەھبەر ئالمىشىپ ھازىرقى پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. ئەمما بۇ پەرەزگە گۇمانى قاراشتا قارايدىغان زىيارەت قىلىنغۇچىلار %26 نى ئىگىلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا زىيارەت قىلىنغۇچىلار بولسا بۇنداق بولۇش بىر قەدەر قىيىن دەپ قارىغان.
تەكشۈرۈش سانلىق قىممەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلىدىن بۇيان، رۇسىيە ئاھالىسى پەرەز قىلغان يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ پۇتىننىڭ ئورنىنى ئېلىش پەرىزى ئىلگىرىكى %49 دىن %45 گە چۈشۈپ قالغان، بۇنىڭغا ئەكسىچە، يېڭى رەھبەرلەر مەيدانغا كەلمەيدۇ دەيدىغانلار ئەسلىدىكى %23 دىن %26 گە ئۆرلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، «سىز رۇسىيە زادى قانداق بولغان مەمۇرىي ھوقۇقنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ» دېگەن سوئال سورالغاندا، %66 زىيارەت قىلىنغۇچى خەلقنى ئاساس قىلغان دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان دۆلەت رەھبىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، %16 زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ قارىشىچە، رەھبەرلەر بىر مەزگىل رەھبەرلىك قىلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، چوقۇم بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان نامزات بىلەن ھوقۇق ئالماشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئەمما %11 زىيارەت قىلىنغۇچى بولسا رەھبەرنىڭ مەڭگۈ ئالماشماسلىقىنى ئارزۇ قىلىپ : «ئوخشاش بولغان بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھوقۇق تۇتۇشى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تەخمىنەن %45 رۇسىيىلىكنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىدە بەش يىلدىن كېيىن يېڭى رەھبەر ئالمىشىپ ھازىرقى پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. ئەمما بۇ پەرەزگە گۇمانى قاراشتا قارايدىغان زىيارەت قىلىنغۇچىلار %26 نى ئىگىلەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر