باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى پارتكوم-ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش-باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

2013.12.10 18:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ھەرقايسى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ كادىرلار تارماقلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارغا:

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كادىرلارنى تەكشۈرۈش-باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش-باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، جايلاردىكى پارتكوم-ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش-باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

  1.نەتىجە تەكشۈرۈش-باھالاشتا ئىلمىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.

  2. نەتىجە تەكشۈرۈش-باھالاش كۆرسەتكۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  3. چەكلىك ئېچىلىدىغان رايونلارنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالىماسلىق.

  4. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش-باھالاشنى كۈچەيتىش.

  5. نەتىجىنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتىش.

  6. ئادەم تاللاش-ئادەم ئىشلىتىشتە نوقۇل ھالدا رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى ئاساس قىلىۋالماسلىق.

  7. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىشنى يولغا قويۇش.

  8. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش-باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىخچاملاش.

  جايلاردىكى ھەرقايسى تارماقلار مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈش-باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش-باھالاش كۆرسەتكۈچىنى چىڭ تۇتۇپ رەتكە سېلىپ ۋە تەڭشەپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، توغرا باھالاش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، باھالاشتا نوقۇل ھالدا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى، تەرەققىيات سۈرئىتىنى سېلىشتۇرۇشنى تەرەققىيات سۈپىتى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات كۈچىنى سېلىشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى «تۆھپە ماڭا مەنسۇپ بولمىسىمۇ مەيلى» دېگەن تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىيەت، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجە يارىتىشى لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر