باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش» ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «ئەل رايى قۇرۇلۇشى»غا ئايلاندى

2013.12.10 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز، تۇردى راخمان خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئونسۇ ناھىيەسى يۇقىرىنىڭ 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ،“چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش” تۈرىدىن 13 نى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى2689 ئائىلە، 12212نەپەر نامرات نوپۇسنى بېيىش يولىغا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە“چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش” ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ “ئەل رايى قۇرۇلۇشى” غا ئايلاندى.

  ئابدۇراخمان روزى تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان ئىدى. بۇ كەنتتە يەر ئاز نوپۇس كۆپ بولغاچقا، بۇ يىل يېزىدىن بۇ كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىگە 10 تۇياقتىن تۇغار قوي بەردى. مانا بۇ «چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتۇر.

  تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىن ئابدۇراخمان روزى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كەنتتە يەر ئاز،كىرىم تۆۋەن. يېزا مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ھەر بىر ئائىلىگە قۇتقۇزۇش قويى تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ تۇققۇز قوينى ياخشى بېقىپ، ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن.

  ئابدۇراخمان روزىغا ئوخشاش گۈلجامال ئوسمان ئائىلىسىمۇ يېزىدىن بەرگەن قوينى تاپشۇرۇپ ئالدى. ھازىر ئۇنىڭغا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشقا يەنە تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ ساغلىقلارنى ياخشى بېقىشتىن ئىبارەت يېڭى ۋەزىپە يۈكلەندى.

  تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىن دېھقان گۈلجامال ئوسمان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىزگە 10 تۇياق قوي بەردى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ساغلىق ئىكەن. مەن ئۇلارنى ياخشى باقسام كېلەر يىلى تۆللەيدۇ. بۇ ئائىلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.

  تۇمشۇق بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى جاڭ شىنلىن مۇنداق دېدى: تۇمشۇق بازىرى چېگرا يېزا بولغاچقا دۆلەت چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش مەبلىغى ھېسابىغا بازىرىمىزغا 3000 تۇياق قوي بەردى. بازىرىمىزدا 10 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، تۆت كەنتتىكى دېھقان-چارۋىچىلار بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى. يەنە 870 مو يەردە ياڭاق بار، ھەر موسى 500 يۈەندىن، بىر مو يەردە 44 تۈپ ياڭاق بار.

  ئىگىلىنىشىچە، 1999-يىلى مەركەز غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسنى يولغا قويۇش داۋامىدا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى“چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش” تۈرىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بولغان سېلىنمىنى زورايتىپ،چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ بېيىشىنى تېزلەتكەن.

  (ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنياز،تۇردى راخمان، خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر