باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھيەسى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى

2013.12.10 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز، تۇردى راخمان خەۋەر قىلىدۇ: ئونسۇ ناھيەسى بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تەشكىللىك ، قاراتمىلىق ھالدا يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ.

  5-دېكابىر، ناھىيەمىزنىڭ نۇقتىلىق يېزا(بازار)لاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى باشلاش مۇراسىمى ئارال بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئابدۇقادىر مۇنىياز بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىيازلىق يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ناھىيەلىك ئىقتىساسلىقلار بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە تەربىيەلەش ئورگانلىرى،ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار، نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئەمگەك ۋاستىچىلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى. ئارال بازىرىدىكى 3000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە كۇرسانتلار ئەتكەن پولۇ بىلەن تورتنى تېتىپ كۆردى.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ناھىيەمىز بىر تۈركۈم ئەمەلىي كۈچى زور مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرنى جەلپ قىلىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بازارنىڭ ئادەمگە بولغان ئېھتىياجى ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى تەكشۈرۈپ تەكتىنى ئېنىقلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن زاكازلىق، نىشانلىق تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، ماشىنا-ئېلېكتىر رېمونتچىلىقى، قۇرۇلۇش تۈرى، مىللىي كەشتىچىلىك بۇيۇملىرى ئىشلەش قاتارلىق يېتىشمەيدىغان كەسىپ(ئىش تۈرى) بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  ئابدۇقادىر مۇنىياز ھەرقايسى ئورۇنلاردىن يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەسلىكتەك كونا قاراشنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىشنى، «ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئاممىنى زىيارەت قىلىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە ئىشلەپ،ئۇلارنى كونا قاراشنى ئۆزگەرتىش، ھەممە يەرنى يۇرتۇم دەپ بىلىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ باي بولۇشقا يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى. (ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنياز،تۇردى راخمان، خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر