باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2013.12.05 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 4-نويابىر گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تۆمۈريول تىرانسپورتى ۋە پوچتا مۇلازىمەتچىلىكىنى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش قارار قىلىندى، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر تۈركۈم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى، بىر قىسىم مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامرات رايونلاردىكى مەكتەپلەر ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقا. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى. يىغىندا نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ «باش پەللىسى»دىلا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ‐‐ خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، مائارىپنىڭ ئادىللىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، شۇنداقلا نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزا ۋە رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: سىناق دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز تەرتىپلىك كېڭەيتىپ،2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈريول تىرانسپورتى ۋە پوچتا مۇلازىمەتچىلىكىنى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق قاتناش تىرانسپورت كەسپىلىرىنى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشدائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى قانۇنچىلىققا تېخىمۇ بەك تايىنىپ ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن-تۈزۈمنىمۇ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت زور بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردى، ۋاقتىدا ئىلگىرى سۈرۈش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر