باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدە ئىزاھات بەردى: ئالىي مەكتەپ چەت ئەل تىلى ئىمىتىھانى 120 نومۇرلۇق بولسا مۇۋاپىق

2013.12.10 19:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئائىت مەزمۇنلىرى ھەمدە 2020-يىلىغىچە بولغان جۇڭگو مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا 8-چېسلا بىر قىسىم سىياسەتلەر ھەققىدە يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي ئىزاھات بەردى: چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئايرىم دەرس جەدۋىلى بار بولىدۇ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ گېپى گەپ بولىۋەرمەيدۇ...

  چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلىدۇ

  ۋاڭ دىڭخۇا: چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. لېكىن، ئۆتكۈنچى باسقۇچتاھەر دەرىجىلىك ئىمتىھان مەركەزلىرى باشقۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار كۆپ قېتىم ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى نومۇر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ تولۇق نومۇرى 120 بولسا مۇۋاپىق.

  «مەسىلەن، تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى تولۇق نومۇر 120 بولغان ئىجتىمائىيلاشقان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ،115 نومۇر ئالغاندىن كېيىن، نەتىجىسىدىن رازى بولۇپ، تولۇق 2-، 3-يىللىقنىڭ ئىنگىلىز تىلى دەرسىگە قاتناشمايمەن دېسە بولامدۇ؟ تامامەن بولىدۇ. ئۇ مەيدانىغا چىقىپ يۈگۈرۈپ چېنىقسا، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇسا، بەزى تېمىلارنى تەتقىق قىلسا بولىدۇ، بۇئالىي مەكتەپلەر ئېتىبار بېرىدىغان ئىشلار، ئەلۋەتتە.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر