باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشتە ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش ئىش ئورنى ۋەزىپىسىنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ

2013.12.10 18:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بىكىتى بۈگۈن «3-ئومۇمىي يىغىننىڭ ‹قارارى›نى ئوقۇپ چۈشىنىش ــــ 6: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى، ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مۇھىم بىر ئاساسىي تۈزۈم، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ قورقۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشتە ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش لازىم، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئورنى ياكى ۋەزىپىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش، كۆرۈلگەن ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرگە قارىتا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاكتىپ بايقىغانلىقىنى ۋە قەتئىي تەكشۈرگەنلىكىنى ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى پائال قوللاپ، ئۇنىڭغا ماسلاشقانلىقىنى ئېنىق ئۇقۇش، يەنىلا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ھاتتا ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قەستەن يوشۇرغان، قانات ئاستىغا ئالغان بولسا، ئالدىنقىسى رەھبەرلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، كېيىنكىسى رەھبەرلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت. (تاڭ شۇچۇەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر