باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەتچىلىك جاڭ يىمۇنىڭ سەمىمىي كەچۈرۈمىنى قوبۇل قىلدىمۇ؟

2013.12.11 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ يىمۇ ئىستۇدىيەسى 1-دېكابىر كەچتە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، جاڭ يىمۇ ۋە ئايالى چېن تىڭنىڭ ھەقىقەتەن ئىككى ئوغۇل، بىر قىزى بارلىقىنى ئېيتىپ، ۋۇشى شەھىرى بىنخۇ رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىدىغانلىقى ھەم دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇناسىپ جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سەۋەبتىن پەيدا بولغان يامان تەسىر ھەققىدە ئاممىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى.

  جاڭ يىمۇنىڭ بۇ ئىشى ئاخىرى دەلىللەندى. جاڭ يىمۇ كۆرۈنۈشتە گۇناھىنى بوينىغا ئالدى شۇنداقلا ئاممىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، نۇرغۇن گۇمانلىق ئەھۋاللار داۋاملىق چىگىشلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئامما جاڭ يىمۇنىڭ سەمىمىي كەچۈرۈمىنى قوبۇل قىلارمۇ؟

  كىشىلەر كۆرۈنۈشتە جاڭ يىمۇغا ئېسىلىۋالغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەرلىك قارىشىنى تېرىشىپ قوغداپ، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىش بىلەن چىقىشالمىغانلىقى ئۈچۈن، جاڭ يىمۇنىڭ پىلاندىن ئارتۇق بالىلىق بولۇش ئىشىنى بوش قويۇۋەتمىدى. ئالاقىدار پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا ئاساسەن، پىلاندىن ئارتۇق بالىلىق بولۇشقا جەرىمانە قويۇلىدۇ، جاڭ يىمۇمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئەلۋەتتە.

  داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى قېزىپ چىقىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى تۈزەشتىكى پاكلىقىنى قوغداش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئىنتىزار بولۇشمۇ كىشىلەرنىڭ جاڭ يىمۇنىڭ پىلاندىن ئارتۇق بالىلىق بولۇش ئىشىنى بوش قويۇۋەتمىگەنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى. كىشىلەرنىڭ بىلگۈسى كېلىدىغىنى شۇكى، جاڭ يىمۇنىڭ پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلىرىنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى كىنىشكىسى بارمۇ-يوق؟ نوپۇسقا ئالدۇرغانمۇ-يوق؟ بۇنىڭ ئارقىسىدا ئىنتىزام، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار بارمۇ-يوق؟ تاراتقۇلار بۇنى ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن، يەرلىكتە بۇ ھەقتىكى گەپلەرنىڭ تارقالغىنىغا ئۇزۇن بولغان، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇنىڭ پىسەنت قىلماسلىقىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك بارمۇ-يوق؟ پۈتكۈل ۋەقەدە، جاڭ يىمۇ جەرىمانە تۆلىگەندىن باشقا، ئەجەبا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان يەنە باشقا ئادەملەر يوقمۇ؟

  جاڭ يىمۇ-نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى كۆرگەن رېژىسسور، يەنە تېخى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شۇڭا ئۇ بۇ ئىشقا ناھايىتى تەمكىن بولدى. پىلاندىن ئارتۇق بالىلىق بولغانلىقى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاندىن كېيىن، جاڭ يىمۇ ئاساسەن چۈشەندۈرۈش بەرمىدى، ئىنكاس قايتۇرمىدى؛ لېكىن بۇ يىل 5-ئايدا، ئۇ ئاخىرى سەۋر قىلالماي ئېغىز ئېچىپ، ئاجايىپ ئىش، بۇ يەتتە بالا قەيەردىن كېلىپ قالدى دېدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئوچۇق خەتتە، جاڭ يىمۇ «ئۈچ، تۆت ئايالى بار، يەتتە، سەككىز بالىسى بار، يەنە بىر نەچچە نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى بار، بىر بالىغا ئون مىليون يۈەن مۇكاپات بەردى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يالغان خەۋەر، بۇ ھەقتىكى قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقۇمنى ساقلاپ قالىمەن دېدى.

  كىشىلەر ئەلۋەتتە جاڭ يىمۇنىڭ قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق، بۇ ئۇششاق خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بولمىسا، يوشۇرۇن قائىدە يامراپ كەتكەن كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاڭ يىمۇنىڭ ئىككى ئوغۇل، بىر قىزى قوشۇلۇپ يامان تەسىر تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ، گەرچە كىشىلەر ئەڭ يامان غەرەز بىلەن پەرەز قىلماسلىقى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇنىڭغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ. مۇنداق بىر گەپ ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان: قانچىلىك يوشۇرۇنۇۋالسۇن، ئاممىۋى مۇناسىۋىتى قانچىلىك ياخشى بولسۇن، ھەر قانداق ئادەم مەڭگۈ زۇۋان سۈرمەي يۈرەلمەيدۇ. كەچۈرۈم سوراش سەمىمىيلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلگىرى ۋۇشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر قانچە قىلساقمۇ جاڭ يىمۇ بىلەن ئالاقىلىشالمىدۇق، قارىغاندا، جاڭ يىمۇنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ ئاممىۋى ئىشەنچ ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ دېگەن ئىدى.

  جاڭ يىمۇنىڭ پىلاندىن ئارتۇق بالىلىق بولۇش ۋەقەسى-جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر داغ تەگكۈزدى، لېكىن ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ قويغىنى جاڭ يىمۇنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى بۇ خىل ئەھۋالغا قاچان خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى بولدى. بىز جاڭ يىمۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى كىنولارنى ئىشلىشىگە ئۈمىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاڭ يىمۇنىڭ پىلاندىن ئارتۇق بالىلىق بولۇش ئىشىغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر