باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نەنجىڭ كۆپ خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا 300مىڭ قېرىنداش قازا قىلغانلىقىنىڭ 76يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ

2013.12.13 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 12 – دېكابىر تېلېگراممىسى. 13 – دېكابىر نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا 300 مىڭ قېرىنداش قازا قىلغانلىقىنىڭ 76 يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدىن ئىگىلىشىچە، نەنجىڭ 12 – دېكابىر كەچ ۋە 13 – دېكابىر شام ياندۇرۇپ تاۋاپ قىلىش، مېيىت بېقىش مۇراسىمى، دۇنيا تىنچلىق دەرمە مۇراسىمى، خەلقئارا تىنچلىق يىغىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىكەن ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى تىلەيدىكەن.

  1937 – يىلى 13 – دېكابىر، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭنى ئىشغال قىلىۋالغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايدىن كۆپ ۋاقىتتا، 300 مىڭدىن ئارتۇق قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق پۇقرا ۋە قورال تاپشۇرغان جۇڭگولۇق ئەسكەرنى قانلىق قىرغىن قىلىپ، مىسلىسىز نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر