باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى

2013.12.11 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 10-چېسلادىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، گوۋۇيۈەن يەنە 68 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى (بۇنىڭ ئىككىسى مەخپىي تۈر بولغاچقا بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ) ھەمدە ئاساسىي قاتلام بىكار قىلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەن 82 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ «گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، قانۇنغا چېتىلىدىغان 16 مەمۇرىي تەستىق تۈرى (گوۋۇيۈەن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  گوۋۇيۈەن يەنە ئالاقىدار قانۇنلار بويىچە تەسىس قىلىنغان 7 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىلتىماسى سۇندى.

  بىكار قىلىنغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى سېلىشتۇرۇپ تارقىتىش، كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلاش، پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ تەكلىپلىك تەيىنلەنگەن مۇدىرلىرىنى تەستىقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر