باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئېلىمىز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن(1)

2013.12.11 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى خۇ شياۋيى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش-ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن دېدى.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئەمگەكچىلىرىنىڭ تەمىناتى-تەلىپى ۋە قېرىلىشىش دەرىجىسى قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئامىللىرىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ، خەلقئارا تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان ئاممىنىڭ پېنسىيە يېشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەلىپىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئېنىق نىشاننىڭ ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، سىياسەتنى تەڭشەشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تەكشى ئۆتكۈنچى مەزگىلنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ شۇنداقلا بۇ نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن دەسلەپكى ئۆگىنىش ۋە چۈشەنچىمىز بويىچە، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش كۆپ قاتلاملىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1-بىر قانچە يىل بۇرۇن ئالدىن ئۇقتۇرۇش كېرەك، بۇ يىل ئېلان قىلىپ، كېلەر يىلى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، ئامما، بولۇپمۇ ئالاقىدار ئاممىنى زۆرۈر تەييارلىق مەزگىلىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  2-قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش كېرەك، مەسىلەن: ئالدى بىلەن پېنسىيە يېشى ئەڭ تۆۋەن ئاممىدىن، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېلاستىكىلىق كوئېففىتسېنت تۆۋەن ئاممىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن باشلاپ، تۈرلۈك ئاممىغىچە تەدرىجىي كېڭەيتىش لازىم.

  3-ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىش كېرەك، مەسىلەن: ھەر يىلى پەقەت بىر نەچچە ئايلا كەينىگە سۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن مۇقىم مېڭىپ، خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە تەكشى ئۆتكۈنچى مەزگىلنى تاماملاش لازىم.

  4-كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش كېرەك، پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۇزۇنغىچە تاپشۇرسا، كۆپ تاپاۋەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان ھەم ياشلار بىلەن خىزمەت پۇرسىتىنى تالاشمايدىغان ئىش ئورنىنى تېخىمۇ كۆپ يارىتىپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنى ماھارەت بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ھەم ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئالاقىدار ئاممىغا بولغان پايدىسىز تەسىرنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئازايتىش لازىم.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشى-بىر مۇھىم ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي سىياسەت، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان زىددىيىتىدىن قارىغاندا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى بار.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر