باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئېلىمىز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن(3)

2013.12.11 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش قارارى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇملۇقى، ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكى، ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان بىر مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: ئومۇملۇق-بۇ سىياسەت چېتىلىدىغان نۇرغۇن ساھەنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىۋېرساللىقى ناھايىتى كۈچلۈك ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەت. ئۇزۇن مۇددەتلىك-بۇ سىياسەتنىڭ پەقەت بىر، ئىككى يىل، ئون نەچچە يىل ئەمەس، بەلكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىستراتېگىيە خاراكتېرى-بۇ سىياسەتنىڭ ئېلىمىزنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئېلىمىزدە ھازىر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيە يېشىدا، ئەرلەر 60 ياش، ئايال كادىرلار 55 ياش، ئايال ئىشچىلار 50 ياش بولماقتا. بۇ-ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا «ئەمگەك سۇغۇرتا نىزامى» ۋە ئالاقىدار ئورگان ئىشلىرى ئورۇنلىرىنىڭ سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس كۆزلىمە ئۆمرى ئاران 40 ياش ئەتراپىدا ئىدى، ئەينى چاغدىكى ئەمگەك شارائىتى، ساغلاملىق سەۋىيەسى، ئەر-ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، بۇنداق ئۆلچەم تۈزۈش-ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن ئىدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز خەلقىنىڭ سالامەتلىك سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، نوپۇس كۆزلىمە ئۆمرى 74 ياشقا يەتتى، ھالبۇكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئەمەلىي پېنسىيە يېشى پەقەت 54 ياش بولۇپ، كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولماقتا.

  خۇ شياۋيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيادا 170 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە، نورمال پېنسىيە يېشىدا، ئەرلەرنىڭ 60 ياش ۋە 65 ياشقا، ئاياللارنىڭ 60 ياشقا مەركەزلەشكەن. 1989-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان 20 يىلدا، 65 دۆلەت پېنسىيە يېشىنى ئۆستۈردى؛ ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە پېنسىيە يېشى 60.01 ياشتىن 61.01 ياشقا چىقتى؛ ئاياللارنىڭ بولسا 57.87 ياشتىن 59.38 ياشقا چىقتى. ئومۇمەن نوپۇس قېرىلىشىش مەزگىلىگە كىرگەن دۆلەتلەر پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ بولدى ياكى يولغا قويۇشقا تەييارلانماقتا، گەرچە بۇ جەھەتتە پىكىر ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇملىشىش يۈزلىنىشىگە كىرىپ بولدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر