باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئېلىمىز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن(2)

2013.12.11 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز شەھەر-بازارلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 75 ياشتىن ئاشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمگەك شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرىچە ئەمگەك سىجىللىقى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئەگەر تۆۋەنرەك پېنسىيە يېشى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنسا، بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ياش، ياشلارنىڭ ئەمگەك ئاكتىپلىقىغا پايدىسىز بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتى سىجىل بولمايدۇ، مۇۋاپىق ئۆسمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدە يەنىلا ئەمگەكچىلەرنىڭ تەمىناتى تەلەپتىن ئارتۇق، لېكىن 2012-يىلى ئەمگەكچى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇتلەق ئازايغان ئەھۋال تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئۈچ مىليون 450 مىڭ ئادەم ئازايدى، ئەمگەكچىلەر يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى 0.6 پوئېنت چۈشتى. بۇ بىر مۇھىم سىگنال بولۇپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىز ئەمگەكچىلىرىنىڭ تەدرىجىي تەمىناتنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئازىيىش مەزگىلىگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: ھەممىگە ئايانكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات-بەلگىلىك ساندىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ياردىمىگە موھتاج، شۇڭلاشقا بىز بۇرۇنقى ياش، قاۋۇل ئەمگەكچىلەرنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ئىبارەت يىرىك ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز زۆرۈر. ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پېنسىيە يېشىنى مۇۋاپىق كەينىگە سۈرۈش قاتارلىقلار ئەمەكچى تەمىناتىنى كۆپەيتىش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈر تەدبىرى.

  بۇندىن باشقا، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش يۇقىرى دولقۇنى تېز سۈرئەتتە يېتىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچى بايلىقى بىلەن ياشانغان نوپۇسنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتىدىن قارىغاندا، 2007-يىلى 6.85 تە بىر بولغان، بەش يىلدىن كېيىن تېز ئازىيىپ، 4.83 دە بىرگە چۈشۈپ قالغان. شەھەر-بازار كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىدە، نۆۋەتتە ئىستېمالچىلار بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەت 3.03 دە بىر بولغان. مۆلچەرگە قارىغاندا، 2030-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، بۇ نىسبەت ئىككىدە بىر بولۇپ قالىدىكەن.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى كىرىم-چىقىمىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقى، تۈزۈمنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، كۆپ خىل كىرىم ئاشۇرۇپ، چىقىمنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: قاپلاش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىش، كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ توپلاش، قالدۇق مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار. لېكىن پېنسىيە يېشىنى مۇۋاپىق كەينىگە سۈرۈش، ئىستېمالچىلار بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى ئازايتىشمۇ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى.

  خۇ شياۋيى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش يىل چېكىمۇ ئۆزلۈكسىز ئۇزىرايدۇ ھەم خىزمەت ئىشلەش يېشىمۇ ئومۇميۈزلۈك كەينىگە سۈرۈلىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، ئەگەر پېنسىيە يېشىدا تۆۋەنرەك سەۋىيە يەنىلا ساقلانسا، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئادەم كۈچى بايلىقى، بولۇپمۇ ئايال ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا چەكلىمە بولىدۇ ھەم ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىسراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تەسىرگە ئۇچرايدۇ. نۆۋەتتە ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، نۇرغۇن كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى، مەسىلەن: دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، پەن تەتقىقاتچىلار جەھەتتە، 50، 60 ياش دەل تەجرىبىسى ئەڭ مول، ماھارىتى پىشقان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىشتىكى ئېلاستىكىلىق تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەگەر بالدۇر پېنسىيە چىقسا، ئادەم كۈچى بايلىقى غايەت زور ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر