باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئەرزان سېتىشى مۇنازىرە قوزغىدى(1)

2013.12.11 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نويابىر، مالتا پارلامېنتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرگە دۆلەت تەۋەلىكى سېتىپ بېرىش، ھەر بىر ساننىڭ باھاسىنىڭ 650مىڭ ياۋرو بولۇشىغا قوشۇلدى. بۇنىڭ كونكرېت شەرتى تۆۋەندىكىچە: بىر دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ باھاسى 650مىڭ ياۋرو بولىدۇ، 18 ياشتىن يۇقىرى ئىلتىماس قىلغۇچى، مەيلى قەيەردىن بولسۇن، مالتانىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. تەستىقلاش تەرتىپىدە مالتا دائىرىلىرى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش خاتىرىسىنىلا تەكشۈرىدۇ، جىنايەت سادىر قىلغانلار بولسا دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. لېكىن 650مىڭ ياۋرو، 18 ياشقا توشقان بولۇش ۋە جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇچ شەرتتىن باشقا ھېچقانداق تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى مالتاغا مەبلەغ سالمىسىمۇ، مالتادا ئولتۇراقلاشمىسىمۇ بولىدۇ.

  مالتا بىر كىچىك دۆلەت، نوپۇسى ئاران 418 مىڭ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ پىلان بىلەن ھەر يىلى 200دىن 300گىچە كىشىنى جەلپ قىلغىلى بولىدىكەن. بۇنداق زور كىرىم مالتاغا نىسبەتەن غايەت زور سان ئەلۋەتتە.

  مالتا ھەم ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سىڭگىم كېلىشىمىنى تۈزگۈچى دۆلەت. مالتانىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت كىشىلىرى تامامەن ئەركىن يۆتكىلىپ يۈرەلەيدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قانداق بىر دۆلەت پۇقرالىرى بۇ ئىتتىپاقتىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرسە ۋە خىزمەت قىلسا بولىدۇ.

  مالتا ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەن باھادا دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىش تەدبىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا مۇنازىرە قوزغىدى. مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ۋولىف لىچىد ماقالىسىدا: مەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى «ياۋروپا كرىزىسى »نىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مالتاغا ئەگىشىپ، دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىش باھاسى جېڭىنى يەنىمۇ قوزغىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن دېدى. 15-ئاپرېل سىپرۇس مەبلەغ سېلىش خاراكتېرىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ مەبلىغىنى ئۈچ مىليون ياۋروغا تەڭشىگەن. بۇندىن بۇرۇن ياروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىۋېلىش باھاسى ئاز دېگەندىمۇ 10 مىليون ياۋرو ئىدى. يەتتە ئاي ۋاقىتتا بۇ باھا 78 پىرسەنت قىسقىراپ كەتتى.

  ئەمەلىيەتتە مالتا ھۆكۈمىتى 650مىڭ ياۋروغا دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتىن بۇرۇن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەبلەغ سېلىپ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى شەرتى بار ئىدى. شەرتى مالتا ھۆكۈمىتىنىڭكىدەك ئۈنچە كىشىنى جەلپ قىلارلىق ئەمەس ئىدى، قانداقلا بولمىسۇن، دۆلەت تەۋەلىكى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بىر ئاز پەرقى بار.

  28-سېنتەبىر ئىسپانىيە «ئۆي سېتىۋېلىش ئارقىلىق تۇرۇپ قېلىش»قا ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمىنى «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قانۇنى»نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلدى. بۇ ئىسپانىيەنىڭ تارىختا تۇنجى بولۇپ مەبلەغ سېلىش خاراكتېرىدىكى كۆچمەنلەر ئۇقۇمىنى قانۇنىي شەكىل ئارقىلىق بەلگىلىشى. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىسپانىيەدە ئولتۇراقلاشمىغان چەتئەللىكلەر قىممىتى 500 مىڭ ياۋرودىن يۇقىرى كۆچمەس مۈلۈك سېتىۋېلىش ئارقىلىقلا تۇنجى قېتىم ئىككى يىللىق ئىسپانىيەدە تۇرۇپ قېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى چەكلىك بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەردىن خېلى زور پەرقلىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر