باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ، ماشىنا قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاش كېرەك

2013.12.12 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرايلى ۋە قاتتىق ئىجرا قىلايلى» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسى، ئىشخانىسى، ھۆكۈمەت ماشىنىسى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارتۇق ئىگىلىۋالغان، سەپلىۋالغانلىرىنى بىردەك قايتۇرغۇزۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش تەمىناتى ئۆلچىمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك، بۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تەمىناتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشخانا، تۇرالغۇ، ماشىنا، كاتىپ، مۇھاپىزەتچى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، پاراۋانلىق، ئارام-ئوتپوسكا قاتارلىق خىزمەت، تۇرمۇش تەمىناتلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ، مۇناسىپ دەرىجىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قايسى تەمىناتلاردىن، قايسى دەرىجىدىكى تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تايىنىدىغان تۈزۈم-بەلگىلىمە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (جياڭ جيې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر