باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ‹‹ئورگان كېسىلى›› نى زور كۈچ بىلەن تۈزىدى

2013.12.12 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرى ئىخچاملاندى، دۆۋە–دۆۋە ھۆججەت، تۈگىمەس يىغىنلار ئازايدى

  لى شىڭ

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلەپ، ئىسراپچىلىق ئازايدى. يەنىمۇ ئېنىقلاش، بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئىستىل تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش، يىغىن ھۆججىتى، قىسقا خەۋەرلەر گېزىتى قاتارلىقلارنى ئىخچاملاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى %30 ئىخچاملاش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كاڭ تىڭفېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹زۆرۈر بولغان باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرى ئىلغارلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى رول ئوينىدى، بىراق بۇ پائالىيەتلەرنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى ۋە مالىيە يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەكىلۋازلىق ۋە بۇزۇپ چېچىش، ئىسراپچىلىق قىلىشتەك ناتوغرا ئىستىلغا يول ئېچىپ بەردى››.

  ئاپتونوم رايون بۇ خىزمەتكە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2009 – يىلىدىن بۇيانقى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلىدى، ئەينى چاغدا 4702 تۈرلۈك پائالىيەت ئېنىقلاپ چىقىلغان، كېيىن مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايون تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن 128 نى ساقلاپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون 2011 – يىلى 31 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 2012 – يىلى يەنە 16 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىخچاملاش نىسبىتىنى %37 كە يەتكۈزدى، ھازىر ئاپتونوم رايون 81 تۈرلۈك دائىملىق پائالىيەتنى ساقلاپ قالدى. كاڭ تىڭفېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھازىرقى 81 تۈرلۈك پائالىيەت ئاساسىدا يەنە %30 ئىخچاملاشنى تەلەپ قىلدى، دەسلەپكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، %30 ئىخچاملاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن دەپ قارىدۇق››.

  ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىمەيدىغان قارىغۇلارچە سېلىشتۇرۇپ باھالاشقا خاتىمە بېرىلدى

  كاڭ تىڭفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2011 – يىلى مۇراسىم، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، مۇنبەر، كۆرگەزمە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان 394 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون 2011 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان 202 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئېنىقلاپ، 144 تۈرلۈك پائالىيەتنى ساقلاپ قېلىپ، 58 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 5 مىليون 844 مىڭ يۈەن مالىيە چىقىمىنى تېجىگەن؛ 2012 – يىلى يېڭى پائالىيەت تۈرى قوشۇلمىغان، پۈتكۈل بىر يىلدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مۇراسىم، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، مۇنبەر، كۆرگەزمە قاتارلىق پائالىيەتلەر 24كە يېتىپ، ساقلاپ قېلىنغان پائالىيەت ئومۇمىي سانىنىڭ %7.16 ىنى ئىگىلەپ، 7 مىليون يۈەن مالىيە چىقىمى تېجەپ قىلىنغان.

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئىستىل تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يىل بېشىدىن ھازىرغىچە 192 تۈرلۈك مۇراسىم، مۇنبەر، كۆرگەزمە پائالىيىتىنى ئېنىقلاپ چىققان، 152 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىسبىتى %79.1كە يېتىپ، مۆلچەرلىنىشىچە 134 مىليون يۈەن مالىيە چىقىمى تېجەپ قېلىنىدىكەن.

  بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان: پائالىيەت سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان، مالىيەدىن مەبلەغ ئاجرىتىلىدىغان بىر تۈركۈم تۈر پائالىيەتلىرى توختىتىلغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ قارىغۇلارچە سېلىشتۇرۇپ باھالاش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىمەسلىك ئەھۋاللىرى تىزگىنلەنگەن؛ تەستىقلاش تەرتىپى چىڭىتىلىپ، پائالىيەت تۈرى، كۆلىمى ۋە چىقىمى قاتتىق تىزگىنلىنىپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ۋە مۆھلىتى ئاساسەن قېلىپلاشتۇرۇلغان؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى كۆرۈنەرلىك يەڭگىللىگەن.

  دۆۋە – دۆۋە ھۆججەت، تۈگىمەس يىغىن كۆرۈنەرلىك ئازايدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جيا پېڭ مۇنداق دېدى: يىل بېشىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يىغىن سانىنى قاتتىق كونترول قىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايون ئاچقان 194 يىغىنغا قاتناشقان، يىغىن كۈن سانى 184 كۈن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار 37 مىڭ 537 ئادەم /قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم 98 قېتىم، 119 كۈن، 20 مىڭ 910 ئادەم/قېتىم، يەنى %34، %39 ۋە %36 ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يەنە يىغىن ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش، يىغىن مەيدانى ۋە يىغىن زالىنى ئاددىي – ساددا بېزەش، گۈل تىزماسلىق، يىغىن بەلگىسى ئاسماسلىق تەلىپىنى قەتئىي ئىجرا قىلدى؛ بىر تۇتاش غىزالىنىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىپ، تاللا تاماق شەكلىنى يولغا قويدى. يىغىننى قىسقا ئېچىش، سۆزنى ئىخچام قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىن مەزمۇنىغا ئاساسەن، يىغىن ۋاقتى ۋە نۇتۇق تەلىپىنى بېكىتتى.

  جيا پېڭ كۈندىلىك كۈتۈۋېلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون كۈتۈۋېلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى ۋە كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مەركەز، ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېت، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىن تەكشۈرۈشكە كەلگەن رەھبەرلەرنى بەلگىلەنگەن مېمانسارايلاردىكى ئادەتتىكى يۈرۈشلۈك ياتاق ۋە ئۆلچەملىك ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇردى؛ تاماق تۈرى ۋە سانىنى كونتىرول قىلىپ، تاماق ۋاقتىنى قىسقارتتى، مەخسۇس سەنئەت كونسېرتى تەشكىللىمىدى. ئاپتونوم رايون تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى. جيا پېڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىمكانقەدەر بىر مىنىبۇسقا ئولتۇرۇپ، يوللارنى قامال قىلماي، ئالدىنئالا خەۋەر بەرمەي، قاتلاممۇ قاتلام ھەمراھ بولۇشنى تەلەپ قىلماي، ئادەتتىكى ياتاقلاردا يېتىپ، خىزمەت تامىقى يېدى.

  ئاپتونوم رايون يىغىننى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن بىللە، ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر گېزىتىنى ئىخچاملاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە 156 پارچە ئادەتتىكى ھۆججەت تارقاتتى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 37 پارچە، يەنى %17.19 ئاز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارقىتىلىدىغان ھۆججەتنىڭ سانىنى قاتتىق كونترول قىلدى. نەتىجىدە، ھۆججەتلەرنىڭ بېسىلىش سانى بولتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 157 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ئازايدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر