باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلان چىقىرىپ ئاشكارىلانمىغانلارنى ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ

2013.12.12 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى پات يېقىندا ئېلىنىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى 11-چېسلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىش چارىسى، يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىش تىزىملىكى، يۈز تۇرانە ئىمتاھان نەتىجىسى، قوبۇل قىلىش چارىسى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، تولۇق، ئۆلچەملىك ئاشكارىلىغان-ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، قوبۇل قىلىنىدىغانلار تىزىملىكىنى ۋاقتىدا تولۇق ئېلان قىلغان-قىلمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئېلان چىقىرىپ ئاشكارىلانمىغانلارنى بىردەك قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى، قائىدىنى بۇزۇپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئۇسۇلدا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، تولۇق، ئۆلچەملىك ئاشكارىلىماسلىق ئەھۋاللىرىنى تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر