باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىشىش ۋە بوشىشىش(1)

2013.12.12 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇ يىلقى خەلقئارا سەھنىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ يىلقى رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە قارايدىغان بولسا، كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سىنوۋدىن ۋەقەسى، سۇرىيە كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بىردەم چىڭىش بىردەم بوشىشىش ئىپادىسىنى بايقىشى تەس ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت ئېھتىياجىنى چېقىش قىلغاندا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدە بىر-بىرىگە ئىشىنىش كەم. كەلگۈسىدە يەنە چوڭ دۆلەتلەر شېرىكلىك سەپىرىدە بىرگە مېڭىشى كېرەك.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ يىل ئىككى قېتىم ئىككى تەرەپلىك ئۇچراشتى، بىرى بۇ يىل 6-ئايدىكى سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى مەزگىلدىكى سۆھبەت، يەنە بىرى بۇ يىل 9-ئايدا 20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتىكى يېرىم مىنۇتقا بارمىغان قول ئېلىشىش. ئىككى تەرەپ بىر بىرى بىلەن سوغۇققىنە كۆرۈشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىر-بىرىگە بولغان مەنسىتمەسلىكىنى قىلچە يوشۇرمىدى . ئوباما: پۇتىن دەرسخانىنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇرىدىغان بەڭۋاش بالىغا ئوخشايدۇ، دېدى. پۇتىن نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى تور بېكىتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوبامانىڭ سۇرىيە سىياسىتىنى شەرھلىگەندە قوللانغان «ئامېرىكىنىڭ مۇستەسنالىق نەزەرىيىسى» توغرىسىدىكى بايانلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇشۇنداق تىل ئۇرۇشى قىلىشى- ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىلقى خەلقئارا سەھنىدىكى ھەرىكەتلىرىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر