باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىشىش ۋە بوشىشىش(2)

2013.12.12 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-سىنودىن ۋەقەسى رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ «پرىزما» ۋەقەسىنىڭ ئاشكارىلىغۇچىسى سىنوۋدىن موسكۋاغا قېچىپ باردى. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش غايەت زور بېسىمىغا قاتتىق بەرداشلىق بېرىپ، 8-ئايدا سىنوۋدېننىڭ بىر يىل رۇسىيەدە ۋاقىتلىق پاناھلىنىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيەنىڭ سىنوۋدېننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلىش سەۋەبى نۇقسانسىزدەك كۆرۈنەتتى. ئامېرىكا سىنوۋدىننىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلىۋېتىپ، ئۇنى ھېچ يەرگە بارالمايدىغان قىلىپ قويدى. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىمىغان.

  ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئوباما ئەسلىدە بېكىتىلگەن 9-ئايدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «پۇتىن ئوباما ئۇچرىشىشى»نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن باھا بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا «خائىن»نى جازالايدىغانلىقىنى قارار قىلدى، رۇسىيە ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ ئىنكار قىلالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىنودىن ۋەقەسى بەلگىلىك دەرىجىدە رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى ئەمما، رۇسىيەنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈردى.

  2-سۇرىيە مەسىلىسى: بۇ يىلقى ئامېرىكا رۇسىيە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. رۇسىيە ئىزچىل قۇرال كۈچى بىلەن باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قارشى تۈردى. ئوباما ھۆكۈمىتى سۇرىيە ئارمىيەسى خىمىيىلىك قۇرال ئىشلەتتى دېگەننى باھانە قىلىپ قۇرال كۈچى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، رۇسىيە تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىپ، خىمىيىلىك قۇراللارنى تىنچلىققا ئالماشتۇرۇش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى خەلقئارانىڭ كونترول قىلىشىنى، سۇرىيە ئۇرۇشىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش تەكلىپىنى بەردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۇرىيە مەسىلىسىگە ھەربىي ئارىلىشىشتا ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئويى يوق، رۇسىيە ئۇرۇش قىلىشقا يول قويمايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇمىي نىشانى بىردەك. رۇسىيە ئامېرىكىغا باھانە بولۇپ بەردى. ھالبۇكى، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشار ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئىختىلاپى يەنىلا ناھايىتى زور، كۈچ سىنىشىش يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  جامائەتچىلىك رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلقى دىپلوماتىيە ئىپادىسىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيەنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، ئەمما ئامېرىكا مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى. رۇسىيە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېقىندىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئالقىشقا ئېرىشتى ھەمدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا شەرق سىياسىي مۇنبىرىگە قايتىپ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئامېرىكا بىلەن مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ كرىزىسكە دۇچ كەلمەكتە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچى بەلگىلىك تۆۋەنلىدى.

  قىسقىغىنا بىر يىلدا رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەۋرىنىپ كەلدى، تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يامانلىشىشى كىمنىڭ ئاق ساراي ۋە كىرمىل سارىيىدا تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەمەلىيەتتە ھەر قايسى ئوخشىمىغان چوڭ دۆلەت تەپەككۇرى ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت، ئىككى تەرەپنىڭ زور مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى- رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئاۋارىچىلىقنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

  رۇسىيە-ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ياۋروپانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن موداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تېررورىزمدىن باشقا ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدۇ، ئامېرىكا رۇسىيەنى ئۆزى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلقى چوڭ سايلىمىدىكى كىچىك ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىدى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈدى، ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىتىش مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە يۈز تۇرانە جاۋاب قايتۇرۇشنى خالىمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۇتىن قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولدى.

  نۆۋەتتە رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر قەدەر سوغۇق بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا يەنىلا زىددىيەت مەۋجۇت . گەرچە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىككىلىسى ئېھتىيات قىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۇرىيە مەسىلىسى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپنى قويۇۋېتىشنى خالىمايدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ياراشتۇرۇشقا تايىنىپ ئۆزىنى ياخشى كۆرسەتمەكچى بولىدىكەن، رۇسىيەنىڭ ماسلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. پۇتىننىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى مۇقىم مۇھىتقا موھتاج ، ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇش سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ گۈللىنىش قەدىمىگە تەسىر يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كەلگۈسىدە يەنىلا چىڭىش ۋە بوشاش ئارىلىقىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر