باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى(1)

2013.12.12 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاندتا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش باش مىنسىتىر يىڭلاكنى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ۋە سايلامنى قايتا باشلاشقا مەجبۇرلىدى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت مۇقىم بولغان سىياسىي ۋەزىيەت قايتىدىن تەڭشەشكە دۇچ كەلدى. سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى.

  تايلاند مەركىزىي بانكىسىنىڭ بىر ئەربابى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يىڭلاكنىڭ قارارى تاشقى ساھەگە سىياسەت ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن سىگنال بەردى، مەركىزىي بانكىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىدىن قارىغاندا، سىياسىي ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەمما ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  تايلاندتىكى بىر ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى مۇنداق دېدى: پارلامېنتى تارقىتىۋېتىش ئىقتىسادقا زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا %4.5 كە يېتىشىدىن ئۈمىد بار، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن تۈزۈپ چىقىلغان ئىقتىسادىي سىياسەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولامدۇ يوق دېگەن مەسىلە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەمما ئەگەر چوڭ سايلام ئۆز مۇددىتىدە ئۆتكۈزۈلمىسە، بەزى ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بولۇپمۇ زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەس، شەخسى مەبلەغ سېلىشمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %3.5 تىن %4 كېچە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن .

  يىڭلاك ھۆكۈمىتى بىر قانچە چوڭ تۈرلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋە سۇنى تىزگىنلەش تۈرىنىڭ ھەممىسى پارلامېنتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. ترانسپورت مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ئۆزلىگىدىن بىكار بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەۋرىنىشى ئاساسلىق ھۆكۈمەت سېلىنمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى شەخسنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، يەنە ئىچكى ئېھتىياجقا ياردىمى بار، شەخسى مەبلەغ سېلىش ۋە ئىچكى ئېھتىياج تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىدىكى ئىككى چوڭ تۈۋرۈك دەپ قارىلىدۇ. تايلاند ھۆكۈمەت تەرەپمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى، مەركىزىي بانكا بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %4.2 تىن %3.7 كە تەڭشىشى، كېلەر يىلى %5 تىن %4.8 كە تەڭشىشى مۇمكىن . مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %3.7 كە يەتمەسلىكى مۇمكىن .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر