باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي–چۆچەك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى 5–ئايدا باشلىنىدۇ

2013.12.12 17:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فەن چۈنخەي خەۋەر قىلىدۇ: 5 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قاراماي – چۆچەك شېرىكلەشكەن تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشتى. بۇ تۈر 2014 – يىلى 1 – ئايدا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىپ، 5 – ئايدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ.

  قاراماي – چۆچەك تۆمۈريولى دۆلەت تۆمۈريول تورىنىڭ شىنجاڭ تۆمۈريول تورى شىمالىي كۈيتۇن لىنىيەسىنىڭ تارماق لىنىيەسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 291 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ شىنجاڭ تۆمۈريولى شىمالىي يولىنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. لايىھەگە ئاساسەن، قاراماي – چۆچەك تۆمۈريولى كۈيتۇن تۆمۈريولىنىڭ قاراماي ئاقبۇلاق ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، قاراماي شەھىرى، ئاقبۇلاق نېفىتلىكىنىڭ شىمالىنى بويلاپ، تولى ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرتام بازىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى چۆچەك ۋوگزالىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

  قاراماي – چۆچەك تۆمۈريولى باقتۇ پورتىدىن چىقىپ، غەربتە قازاقىستان تۆمۈر يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاتنايدۇ؛ شەرقتە شىمالىي كۈيتۇن تۆمۈر يولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى، باۋتۇ – لەنجۇ تۆمۈر يولى بىلەن كېسىشىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېجىنا، باۋتۇ قاتارلىق رايونلىرىغا تۇتىشىدۇ. بۇ تۆمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، يېقىنقى مەزگىللىك يىللىق توشۇش مىقدارى 1 مىليون 40 مىڭ توننىغا، يىراق مەزگىللىك يىللىق توشۇش مىقدارى 15 مىليون توننىغا يېتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قاراماي – چۆچەك تۆمۈر يولىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرى تاماملىنىدىكەن ھەم سىناق تەرىقىسىدە قاتناش شارائىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلايدىكەن، 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈن قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر