باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە يۆلەش كېرەكمۇ يوق؟(1)

2013.12.12 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەگەر ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا بولغان تۇنجى ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟ ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە يۆلەش كېرەكمۇ يوق؟ %89.4 كىشى يۆلەش بىلەن يۆلىمەسلىك ئوتتۇرىسىدا ئىكىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئەگەر ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا بولغان تۇنجى ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟ 139 مىڭ 10 كىشى قاتناشقان جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇشۇ خىل تەكشۈرۈشىدە %55.6 كىشى كارى بولماي كېتىش كېرەك، دېگەن. %24.4 كىشى ئىسپات قالدۇرۇش ياكى ئىسپات بولالايدىغان كىشىنى تاپقاندىن كېيىن يۆلەش كېرەك، دېگەن، %12.6 كىشى 110 غا تېلېفون بېرىش ھەمدە كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك، دېگەن، %5.4 كىشىلا ئىككىلەنمەستىن يۆلەش كېرەك، دېگەن. شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىنستىتۇتى ئېتىكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى بيەن شاۋبىن مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ ياشانغانلار يېقىلىپ كەتسە يۆلەش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسىلىنى ئويلاشقا باشلىغانلىقى، جەمئىيەت ئەخلاقىدا مەلۇم دەرىجىدە مەسىلە كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە يۆلەش كېرەكمۇ يوق؟ بۇ مەسىلە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، يېقىندا سىچۈەننىڭ داجوۋدا ئۈچ بالا بىر موماينى يۆلەپ قاقتى سوقتى قىلىندى، جېجياڭنىڭ جىنخۇادا 80 ياشتىن ئاشقان كىشى يېقىلىپ كەتكەندىن كېيىن 5، 6 مىنۇت كىشىلەر ئۇنى يۆلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى. بېيجىڭدا چەتئەللىك ئادەم سوقۇۋەتسە ياشانغانلار كىشىنى يۆلەپ بالادا قالدى دېگەندەك ۋەقەلەر كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى ۋە مۇنازىرىسى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

  ئۆتكەن ھەپتىدە جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزى يانفون تېڭشۈن تورى ئارقىلىق 139 مىڭ 10 كىشىنى تەكشۈردى، نەتىجىدىن ئايان بولۇشىچە %80.4 كىشى ياشانغانلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار خەۋەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، %20.2 كىشى ئەتراپىدا ياشانغانلار يېقىلىپ كەتسە ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، %87.4 كىشى ياشانغانلارنى يۆلەشتىكى ئەخلاق ئەمدىشىسىنىڭ نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى، %84.9 كىشى ياشانغانلارنى يۆلەشتە ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ئەمدىشىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى يۆلەش يۆلىمەسلىكتە ئىككىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە ئاممىنىڭ تۇنجى ئىنكاسى نېمە بولىدۇ؟ 139 مىڭ 10 كىشى قاتناشقان جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇشۇ خىل تەكشۈرۈشىدە %55.6 كىشى كارى بولماي كېتىش كېرەك، دېگەن، %24.4 كىشى ئىسپات قالدۇرۇش ياكى ئىسپات بولىدىغان كىشىنى تاپقاندىن كېيىن يۆلەش كېرەك، دېگەن، %12.6 كىشى 110 غا تېلېفون بېرىش ھەمدە كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك، دېگەن، %5.4 كىشىلا ئىككىلەنمەستىن يۆلەش كېرەك، دېگەن. تيەنجىندە ئولتۇرۇشلۇق جاۋ چۈەن ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىڭىز قانداق قىلىسىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قېلىشىم مۇمكىن دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر نەس باسىدىغان ئىشلار بەك كۆپ، ئەگەر نەس بېسىپ ئۇچراپ قالسىڭىز، پۇلنىڭ كارى چاغلىق، مۇھىمى ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى بەك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. نەس باسمىغاندىمۇ بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە ئوبدان قىلىش كېرەك، 120 گە تېلېفون بەرسىڭىز ياشانغان كىشىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بارىسىز، داۋالاش ھەققىنى تۆلەيسىز، ئويلىمىغاندا ئىگى-چاقىسىز ياشانغانلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقتا قالىسىز. يۆلىگىمغۇ بار، بىراق ھەقىقەتەن يۆلەپ بولالمايمەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر