باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ ماتەم مۇراسىمىغا 100 مىڭدەك ئامما قاتناشتى

2013.12.11 16:23   مەنبە: خەلق تورى

جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ ماتەم مۇراسىمىغا 100 مىڭدەك ئامما قاتناشتى

  12-ئاينىڭ 10-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە، جەنۇبىي ئافرىقا ئاممىسى يامغۇرغا قارىماي سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتى. سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ ماتەم مۇراسىمى 10-چېسلا يۇھاننېسبۇرگدىكى FNB تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۈزگە يېقىن دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە 100 مىڭغا يېقىن جەنۇبىي ئافرىقا ئاممىسى قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، يۇھاننېسبۇرگدا ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، يامغۇر يېغىۋاتاتتى، سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان FNB تەنتەربىيە مەيدانى تەنتەنىلىك سۈكۈناتقا چۆمگەنىدى.

  FNB تەنتەربىيە مەيدانىدا تۇتاشقان يولدا، مۇخبىر يامغۇرغا قارىماي مۇراسىمغا ماڭغان ئامما ئارىسىدا كېتىۋېتىپ، تاڭ سۇلالىسىدىكى داڭلىق شائىر دۇ مۇنىڭ «سىم-سىم ئەيلەپ ياغدى يامغۇر قەبرە يوقلاش مەزگىلى، كى سەپەرچىنىڭ جېنى قىل قالدى تەندىن تەزگىلى» دېگەن مىسرالىرىنى ئەسكە ئالدى.

  ماندىلاغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ماڭغان ئامما ئاستا-ئاستا توپلىشىپ، تەنتەربىيە مەيدانىغا يېتىپ باراي دېگەندە، كىمدۇر بىرى بىر ناخشىغا غىڭشىۋىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاۋاز قوشتى، كىشىلەر توپىدىن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۈيلىرى ياڭراشقا باشلىدى. بىر يەرلىك كىشى مۇخبىرغا «بۇ ئازابنى يېڭىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش مەزمۇنىدىكى ناخشا» دېدى. (گو شىڭخۇا، چېن يىڭيىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
      ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
      ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
      ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
      ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…