باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014–يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تىزىملىتىش باشلاندى

2013.12.12 17:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 2014 – يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 25 – نويابىر باشلىنىپ، 30 – نويابىر ئاخىرلاشقان بولۇپ، توردا تىزىملىتىش ۋە توردا ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. قىسمەن رايونلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ توردا تىزىملىتىشى قولايسىز ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىمتىھان رايونلىرى ئەسلىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن: بىرىنچى باسقۇچ، 2013 – يىلى 25 – نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا باشلىنىپ 30 – دېكابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 دە ئاخىرلاشقان؛ ئىككىنچى باسقۇچ، 2014 – يىلى 20 – فېۋرال بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دا باشلىنىپ 10 – مارت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20دە ئاخىرلىشىدىكەن. يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىش ۋاقتى كېلەر يىلى 28 – فېۋرال ئاخىرلىشىدىكەن؛ ۋىلايەت، ئوبلاستلار كېلەر يىلى 1 – مارتتىن 10 – مارتقىچە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى نەق مەيداندا جەزىملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش بويىچە ئېلىنىدىغان پېداگوگىكا، پىسخولوگىيە ئىمتىھانلىرى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تىزىملىتىش بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا توردا تىزىملاتسا ۋە ئىمتىھان ھەققىنى توردا تاپشۇرسا بولىدىكەن، 1 – مارتتىن 10 – مارتقىچە تاللانغان ئىمتىھان رايونلىرى بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا نەق مەيداندا جەزىملەشتۈرىدىكەن. توردا تىزىملىتىش شارائىتى يوق ئىمتىھان رايونلىرى بۇرۇنقى ئۇسۇلدا تىزىملىتىشقا ياكى نەق مەيداندا توردا تىزىملىتىشقا تەشكىللەيدىكەن.

  بۇ قېتىملىق ئىمتىھان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىق بويىچە تىزىملىتىلىدىغان بولۇپ، 101كەسىپ بويىچە 1052 سائەتلىك دەرس ئۆتىلىدىكەن. تىزىملىتىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى ۋە تىزىملىتىدىغان دەرسنى شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى تور بېكىتى (www.xjzkzx.com )گە چىقىپ تەپسىلىي سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. 2014 – يىللىق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى كېلەر يىلى 19 – ئاپرېلدىن 20 – ئاپرېلغىچە ئېلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر