باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماندىلانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىگە نەزەر(1)

2013.12.11 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نېلسون ماندىلا كېسەل سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئۆكتەبىر سائەت 20 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە 95 يېشىدا ۋاپات بولدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى زۇماغا تەزىيە تېلېگراممىسىدا يوللىغاندا، ماندېلا ئەپەندى-جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ھايات ۋاقتىدا ئىككى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولغان، جۇڭگو خەلقى ئۇنىڭ جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  ماندېلا ئۆزىنىڭ ئىزدەنگەن، كۈرەش قىلغان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئۇزاق يىللىرىدا، جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر، ئايرىلماس دوستلۇق ئورناتقان.

  ماندېلا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئەينى يىللاردا ئۇ كېپتاۋىندا ياشىغان مەزگىلدىلا باشلانغان. ئۇ چاغدا، ئۇ كۈندۈزى ئادۋوكاتلىق قىلسا، كەچتە ئىشتىن سىرتقى بوكسچىلىق قىلاتتى. ماندېلا ئادەتتىكى كۈنلەردە باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇيتتى، بولۇپمۇ «سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»غا ئوخشاش ئىستراتېگىيە كىتابلىرىنى ياخشى كۆرەتتى.

  ماندېلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، 27 يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ھاياتىدا، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ماندېلا ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۆز تەرجىمىھالى «ئۇزاققا سوزۇلغان ئەركىنلىك يولى»نى يېزىپ چىققان قەدىناس دوستى رىچارد ستېنگېلنىڭ سۆزىدىن ئۇنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماندېلا جۇڭگو ئىنقىلابى ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ ئىجادىيەت، ھەقىقىي بىر ئۇلۇغ ئەسەر. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب يولىنى ئېچىش ئۇسۇلىنى چۈشەنسىڭىز، بارلىق ئىشلارنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز. جۇڭگو ئىنقىلابى ھەقىقەتەن مۆجىزە دېگەن.

  ئۇ ئامېرىكا يازغۇچىسى ئېدگار سىنونىڭ «قىزىل يۇلتۇز نۇر چاچقان جۇڭگو» دېگەن ئەسەر مەن ئوقۇغان جۇڭگو ھەققىدىكى تۇنجى كىتاب دېگەن. بۇ كىتاب ماندېلانىڭ جۇڭگو ئىنقىلابى، ئۇزۇن سەپەر، ماۋ زېدۇڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان.

  1990 -يىلى 4-ئايدا، ماندېلا تۈرمە ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ ئەمدىلا بىر ئاي بولغاندا، نامبىيەدە جۇڭگونىڭ ئەينى چاغدىكى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ شۆچيەن بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەتتە ماندېلا ئۆزىنىڭ يېشى بىلەن تەڭ كېلىدىغان بۇ جۇڭگولۇق دوستىغا، مېنىڭ 20 نەچچە يىل روبېن ئارىلىدىكى تۈرمە ھاياتىمدىكى مەنىۋى تۈۋرۈكۈم جۇڭگو بولغان ئىدى دېگەن. ماندېلا مەن كامىردا ياتقاندا داۋاملىق كىتاب ئوقۇدۇم، ئايالىمنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭغا «ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»نى ئەكەلدۈرۈپ بەردىم، ئۇ بۇ كىتابنى باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن تەشنالىق بىلەن ئوقۇپ چىقتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ جەنۇبىي ئافرىقا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مىللىي ئازادلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى سېلىشتۇردى، پىكىر قىلدى دېگەن.

  ئۇ ۋۇ شۆچيەنگە ئەگەر شەخسىي مەلۇماتىم ئۈستىدە توختالسام، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى «كوممۇنىستلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ھەققىدە» دېگەن كىتاب بولدى. ليۇ شاۋچى بۇ كىتابىنى ناھايىتى ئىنچىكە يازغان، مەن بۇنىڭدىن زور ئىلھامغا ئېرىشتىم دېگەن. ماندىلا بىر ھەقىقىي ئىنقىلابچى ئىنتىلىش نىشانىنى بېكىتكەن ھامان، توختىماي كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك ئەگرى-توقاي سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى، جاپالىق، ھەتتا ناچار مۇھىتتىمۇ ياشىيالايدىغان ۋە تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك، دەل مۇشۇنداق مەنىۋى كۈچ ماڭا قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە ئاتا قىلدى دېگەن.

  ھۆرلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىنكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ماندېلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان، جۇڭگو بولسا ئۇ پەقەت ئۇنتۇپ قالمىغان دۆلەت ئىدى. ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چيەن چىچېن كېيىن يازغان «دىپلوماتىيە خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا، ماندېلا مەن جۇڭگوغا ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنۈپ كەلدىم، ئۇ يەرنىڭ ئۇلۇغ تۇپرىقى ۋە خەلقىنى بېرىپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. 10-ئايدا يىراق شەرقتە زىيارەتتە بولغاندا، ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن جۇڭگوغا بارالمىدىم، جۇڭگو چوڭ دۆلەت، زىيارەتنى ئالدىراشلا ئورۇنلاشتۇرساق بولمايدۇ، كېيىنكى يىلى 5-ئايدا مەن بىر ئاز يەڭگىللەپ قالىمەن، شۇ چاغدا جۇڭگو بارىمەن دېگەن ئىدى دەپ خاتىرىلەنگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر