باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىقىنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى

2013.12.06 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىكى بادامدىن ئايرىۋېلىنغان ماددا بىلەن قازاقىستاندىكى ۋېييا (قازاقىستاندىكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) دىن ئايرىۋېلىنغان ماددىنى قوشقاندا نىمە ھاسىل بولار؟ بۇنىڭ جاۋابى: خەلقئارادا تېخى بارلىققا كەلمىگەن، ياشانغانلاردىكى سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىشىنى داۋالايدىغان دوا.

  بۇ تۈر ھەمكارلىقىنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىقى تەرەققىيات مۇنبىرى مۇھىم رول ئوينىدى. مۇنبەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى جوڭفۇ يىجيەن بىئولوگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن قازاقىستان فالېمۇفۇ يىمەكلىك-دورا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بادام مىكرو سۈت ئېلمېنتى يېڭى دورا بىرلەشمە تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى. ئىككى تەرەپ ئۆز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە بۇ دورىنى بىللە تەتقىق قىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەردە، يىپەك يولى بويىدىكى 8 دۆلەت 24 شەھەر ۋە كارخانىلار ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى قۇرۇلۇشى بۈيۈك پىلانىنى بىرلىكتە كېڭەشتى، يەنە «ئۈرۈمچى ئورتاق قارىشى» قاتارلىق ھۆججەت ۋە ئومۇمىي سېلىنمىسى 858 مىليون دوللارلىق 15 تۈر بىلەن يىپەك يولى شەھەرلىرىنى ئۆز ئارا باغلىدى، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىقىنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر