باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جۇ شىنيى ئىنتىزام- قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاچقا دېلو تۇرغۇزۇلدى

2013.12.09 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، مۇدىرى جۇ شىنيى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، سوراپ ئېلىۋېلىش؛ خۇسۇسىي كارخانىچىلار بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇش تۈرىدە مەنپەئەت زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، پارا ئېلىش؛ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمەت پۇلىنى ئاستىرتىن بۆلۈشىۋېلىش، نامۇۋاپىق پايدا كۆزلەش قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا قاتتىق خىلاپلىق قىلغان مەسىلىسىنى دېلو ئېچىپ تەكشۈردى. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر