باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش تەرتىپى يۈرگۈزۈلدى

2013.12.09 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئاۋازى «ئاخبارات ۋە مۇھىم تەرمىلەر» قانىلىدىن خەۋەر بېرىلىشىچە، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي قاتلام يېتەكچىلىك مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نۆۋەتتە جايلاردا «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىلەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بېيجىڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا قانۇن چىقىرىش تەرتىپلىرى يۈرگۈزۈلدى، قانۇن چىقىرىپ تەتقىق قىلىش-دەلىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى پائال ياخشى ئىشلەنمەكتە.

  ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جايدىكى پۇقرالارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. جايلاردا بۇ ھەقتىكى سىياسەتلەر خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتى ئارقىلىق ئالاقىدار قانۇن رەسمىيەتلىرى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن تەرتىپلىك يولغا قويۇلىدۇ، نۆۋەتتە جايلار يەرلىكنىڭ نوپۇس ۋەزىيىتى، نوپۇس سىياسىتى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىنكى نىشانلانغان كىشىلەر توپى، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇغۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى، بۇنىڭ خىزمەت جەھەتتە ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان بېسىمغا قارىتا لايىھە تۈزۈپ پارتكوم، ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلدى. (تۇڭ زۇڭلى خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر