باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن:ئىقتىسادنىڭ تۆۋەن بولۇشى پىرېزىدېنت بۇيرۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

2013.12.06 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 5-دېكابىر موسكىۋادا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەن ئۆتكەن يىلى پىرېزىدېنت بولغان دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىمزالىغان بىر قاتار پىرېزىدېنت بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ باھانىسى بولمايدۇ، پىرېزىدېنت بۇيرۇقىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىش كېرەك.

  پۇتىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە رۇسىيەدىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادى ئەھۋال ئاساسلىقى تاشقى ئىقتىسادى مۇھىت ياخشى بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ تاشقى سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى رۇسىيەگە تەسىر كۆرسەتتى. پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيەنىڭ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئېلىپ ئېيتساق ناركوز دورىسى بولماستىن، تەسىر كۆرسىتىش بولۇپ، رۇسىيە جەمئىيەتتىكى خېيىم-خەتەرلەرنى ئازايتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر