نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى ماندىلانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى بان كىمون : ماندىلا پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى
5-دېكابىر ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى .
5-دېكابىر، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلانىڭ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ، شۇ يەر ۋاقتى 5-دېكابىر سائەت 20:50 دە ، 95 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى جاكارلىدى . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ كۈنى ئاق سارايدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلاغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى .
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سىياسىيون ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭ ماندىلا 5-دېكابىر ۋاپات بولدى ، نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى .
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون مۇنداق دېگەن : ماندىلا پۇتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى .
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ماندىلانىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا مۇنداق ئوبزور ئېلان قىلدى : دۇنيا بىر نۇرلۇق چىراقتىن ئايرىلدى ، ماندىلا بىزنىڭ قەھرىمانىمىز .
ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى باش ۋەزىرى مەھكىمىسى دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ ، سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى .
ئىگىلىنىشىچە ، كامېرون بىلەن ماندىلا ئىككى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ ، تۇنجى قېتىم ، كامېرون ئۆكتىچىلەرنىڭ داھىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا جەنۇبىي ئافرىقىدا ماندىلا بىلەن كۆرۈشكەن ، يەنە بىر قېتىم 2010-يىلى لوندوندا كۆرۈشكەن .
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما : ماندىلا ‹‹ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئارزۇسىنى ›› نى نامايان قىلدى ، دېگەن .
ئوباما يەنە مۇنداق دېگەن : ئۇ باشقا نۇرغۇن ئادەملەرگە ئوخشاش ، ماندىلانىڭ ھاياتى ماڭا زور ئىلھام بولدى .
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 6-دېكابىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-دېكابىر يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ماندىلانىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇماغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى . شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ، شۇنداقلا ئۆز نامىدىن ماندىلانىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇردى ھەمدە ماندىلانىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ماندىلا ئەپەندى دۇنيا خەلقى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىدىغان سىياسىيون ، ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ، جاپا-مۇشەققەتلىك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان .
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : ماندىلا ئەپەندى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ھاياتىدا ئىككى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ تۈرتكە بولغان . جۇڭگو خەلقى ئۇنىڭ جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ .
شى جىنپىڭ داۋاملىق زۇڭتۇڭ زۇما بىلەن بىرلىكتە ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلەك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دوستانە ئىشلىرىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى .
ماندىلا ئىلگىرى ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق مەزگىلىدە 27 يىل تۈرمىگە قامالغان ، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، كۆپ خىل ئىرقتىكى دېموكراتىك تۈزۈمگە يۈزلىنىشكە يېتەكچىلىك قىلغان ، ھەمدە 1993-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .