باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى نۇسخىدىكى 12306 تورى 6-دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، ئاپتۇماتىك بېلەت بۇلاش ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

2013.12.06 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-چېسلا، جۇڭگو تۆمۈر يول خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تورىنىڭ يېڭى نۇسخىسى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. يېڭى نۇسخىدىكى تور بەتتە ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش، ئاپتوماتىك زاكاز تاپشۇرۇش، بېلەت بولسا ئەسكەرتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، بۇ 12306 تورىدا ئاپتوماتىك بېلەت بۇلاشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى 4- دىكابىر مۇنداق بىلدۈرگەن، يېڭى نۇسخىدىكى تور بەت بەت يۈزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، «تېخىمۇ كۆپ تاللاش تۈرى» ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكۈچى پويىزغا ئولتۇرىدىغان ۋاقىت، پويىز نۆۋىتى، ئورۇن دەرىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزگەندىن كىيىن، 12306 تورىدا يولۇچى ئۈچۈن ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاش، ئاپتوماتىك تاپشۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ.

  مۇخبىر 6-دېكابىر كېچە سائەت 0:30دە 12306 تورىغا چىقىپ، باش بەتنىڭ سول تەرىپىدىكى «يېڭى نۇسخىدىكى بېلەت سېتىۋېلىش» كۆزنىكىدىن كىرىپ سىناپ باققان. مۇخبىر يېڭى نۇسخىدىكى بېلەت زاكاز قىلىش سىستېمىسىدا ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ۋە «تېخىمۇ كۆپ تاللاش» ئىقتىدارى قوشۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى، «تېخىمۇ كۆپ تاللاش»نىڭ ئاپتوماتىك زاكاز قىلىش، ۋاقىت تاللاش (ئەڭ كۆپ دېگەندە بەش خىل ۋاقىت تاللىغىلى بولىدۇ)، پويىز قېتىمىنى ئالدىن تاللاش، ئورۇن تاللاش (ئەڭ كۆپ دېگەندە بەش ئورۇننى تاللىغىلى بولىدۇ)، بېلەت بولسا ئەسكەرتىش (ئەسكەرتىش مۇزىكىسى گۈدۈك ئاۋازى) قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر