باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى: كەسپىي ئورۇنلار يېقىندا 951 خادىم قوبۇل قىلىدۇ

2013.12.05 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى كەسپىي ئورۇنلارغا 951 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. تىزىملىتىش 11-دېكابىر سائەت 10 دىن 17-دېكابىر سائەت 18 گىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  4-دېكابىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئىش ئورنى جەدىۋىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تورى (www.xjwlmq.lss.gov.cn)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار-ئىقتىساسلىقلار تورى (www.wlmqrc.com) ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھانى تورى(www. wlmqrsks.com) دا ئېلان قىلىندى.

  قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ھەمدە شەرتلەرگە چۈشىدىغان خادىملار ئۈرۈمچى كادىرلار ئىمتىھانى تور بېكىتىگە چىقىپ تىزىملاتسا بولىدۇ. بىر ئادەم بىرلا ئىش ئورنىغا تىزىملىتىدۇ.

  تىزىملاتقۇچى خادىملار تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىناۋەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ساختا تولدۇرغانلارنىڭ ئىمتاھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

  شەخىسلەرنىڭ تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىش-كەلمەسلىك مەسىلىسىدە، تىزىملىتىش ئويى بار خادىملار تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئىش ئورنى جەدىۋىلىدىكى ھەر قايسى ئىش ئورنىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى سېلىشتۇرۇپ، يېشى، كەسپى، نوپۇسى قاتارلىقلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىنى تاللاپ تىزىملىتىشى كېرەك. ئۆز كەسپىنىڭ تۈرىگە نىسبەتەن، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىدىكى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى كىرگەن خادىملار كەسپىنىڭ تۈرگە ئايرىلىش سېلىشتۇرما مۇندەرىجىسى(سىناق نۇسخىسى)» دىن پايدىلانسا بولىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر