باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى «ئىشلىمەي چىشلەيدىغان» كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىماقچى

2013.12.04 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر نەننىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئاممىۋى لۇشيەنتەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە باقىدىغانلارنىڭ مائاشىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىم يوچۇقىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى يېقىندا2013-يىلى 12-ئايدىن 2014-يىلى 1-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا مالىيە باقىدىغانلارنىڭ «ئىشلىمەي چىشلەش» مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش دائىرىسىھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلار، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە مالىيە باقىدىغانكەسپىي ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مالىيە باقىدىغانلارنىڭ «ئىشتات ئىگىلىۋېلىپ، خىزمەتكە كەلمەي، بىكارغا مائاش ئېلىش»تەك گەۋدىلىك مەسىلىلىرى قەتئىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىدۇ. (مۇخبىر شيې جېنخۇا خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر