باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كا مېيلۈن بىلەن كۆرۈشتى

2013.12.03 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-چېسلا دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كا مېيلۈن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەر، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆز تەرەققىياتىغىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي، يەنە پۈتۈن يەر شارىغىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ يېراققا نەزەر سېلىپ، دۆلەت ئەھۋالى، تۈزۈمى ۋە قىممەت قارىشى جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىش، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ زور كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلىرى ۋە نېگىزلىك مەنپەئىتىگە ئېتىبار بىلەن قارىشى، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىنى ياخشى پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (لى ۋېيخۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر