خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-دېكابىر، تايلاند پايتەختى بانكوكتا ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نامايىشچى توپىلاڭدىن ساقلىنىش ساقچىسىنى قۇچاقلىماقتا. شۇ كۈنى تايلاندتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار ساقچى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، زوڭلى مەھكىمىسى ۋە بانكوك ساقچى ئىدارىسىغا كىرىپ قىسقا ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن چېكىنىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن 3 كۈن داۋاملاشقان تىركىشىش ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە پەسكويغا چۈشتى. زوڭلى يىڭلا شۇ كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، ھەر قايسى ساھەنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشكە چاقىرىق قىلدى، ھەمدە ئىلىم ئەھلى، سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى «خەلق مۇنبىرى»گە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ چىقىش يولىنى بىرلىكتە كېڭىشىشكە تەكلىپ قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر