باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى «ئەڭ قىممەت داۋالىنىش ھەققى» توغرىسىدىكى قاراشلار(1)

2013.12.04 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى بىمار قان ئېقىۋاتقان ھالەتتە كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى تىنچ-ئوكيان داۋالاش مەركىزىنىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە كىرگەن بولۇپ، 26ياشلىق دېپىكا سىنىگ ئارقا ھويلىسىدا كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقاندا تىزى ئازراقلا زەخىملەنگەن؛ ئەمدىلا مېڭىشنى ئۆگىنىۋاتقان ئاۋرا روچ كرېسلودىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئېڭىكى ئۈستەلگە تېگىپ كەتكەن. مۇشۇ يىل مايدىكى شەنبە كۈنى، داۋالاش خادىملىرى ناھايىتى تېزلا ئۇلارنىڭ يارىسىنى تازىلاپ، ناركوز ئوكۇلى ئۇرغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا يارا ئېغىزىنى ياماپ داۋالاشنى «غەلىبىلىك»ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، داۋالاشقا كەتكەن ئومۇمىي ۋاقىت بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن. بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاپىئاتلىرى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن. ئەمما، ھېسابات تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا بولسا ھاڭ-تاڭ قالغان. سىنگنىڭ يارىسى ئۈچ يىپلىق يامالغان بولۇپ، ھەققى 2229.11 ئامېرىكا دوللىرى؛ كىچىك ئاۋرانىڭ ئېڭىكىگە بولسا دورا مەلھىمى سۈرۈلگەن بولۇپ، ھەققى 1696 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

  بالنىستا ياتقان بىمارلارنىڭ كۈندىلىك چىقىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان. داۋالاش ھەققى ئەڭ قىممەت بولغان دوختۇرخانىلارنىڭ كۈندىلىك ئالىدىغان ھەققى 12500 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈملىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە پايدىنى كۆزلەيدىغان مەركەز بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭلاشقا ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئىپتىدائىي بولغان ئوپېراتسىيە« يارا ئېغىزىنى ياماش» مۇ 1500 ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ بولغان داۋالاش ھەققى ھېسابات تالونىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر