باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھاجىرلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

2013.12.02 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. بۇ ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بۇ چوڭ ئىش مۇھاجىرلار ساھەسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭگو ئوغۇل-قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

  جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە بەلباغ. 8-قۇرۇلتايدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرى بۇرۇنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوزغاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھاجىرلار ساھەسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ۋە ساكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللەر بىلەن بولغان دوستلۇقنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ئىشلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر