باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادا 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 2 مىليون 100 مىڭغا يەتتى

2013.12.02 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئەيدىز كۈنى كېلىش ئالدىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2012-يىلى دۇنيادا 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 2 مىليون 100 مىڭغا يېتىدۇ دېدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر كامچىل بولغاچقا، 2005-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، ياش ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى %50 كۆپەيگەن. بۇنىڭ بىلەن پەرقلەنگىنى، دۇنيا نوپۇسىدا ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى %30 ئازايغان.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئېھتىياجلىق داۋلىنىش ۋە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن، بۇندىن باشقا نەچچە مىليون ياش ئۆسمۈر يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ياش ئۆسمۈرلەر شۇنداقلا يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلارغا قارىتىلغان ساقلىنىش، كونترول قىلىش ئېھتىياجى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلدى، بۇ دائىم سەل قارىلىدىغان كىشىلەرنى ئالاقىدار مۇلازىمەت ۋە قوللاش بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرستىلدى: نۇرغۇنلىغان ياش ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان ياكى يوقۇملانمىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەسىلەن، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىدىكى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن %10 ئوغۇللار ۋە %15 قىزلار ئۆزىنىڭ يوقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئالاقىدار قانۇنلارغا قاراپ چىقىپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قوبۇل قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەشكىلات يەنە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ داۋالىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغان چارىلەرنى تەشەببۇس قىلدى، ھەمدە ساقلىنىش ۋە كونترول قىلىش مۇلازىمىتىدە ياش ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلىپ، ئەيدىز كېسلىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى تەكىتلىدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988-يىلى ھەر يىلى 1-دېكابىرىنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ كۈندە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئەيدىز كېسلىنى ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرىدۇ..

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر