باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹ۋەتەنسىز ئادەم ھاياتى ماتەم›› ناملىق ماقالە توردا كەڭ تارقالدى

2013.12.03 17:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – دېكابىر تېلېگراممىسى. يېقىندا ئالاقە تورىدا ‹‹ۋەتەنسىز ئادەم ھاياتى ماتەم›› ناملىق ماقالە كەڭ تارقالدى، ماقالىدىكى بەزى قاراشلار تور ئەھلىنىڭ قوللىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەر قانداق ۋاقىتتا پۇقرالار ئىجتىمائىي داۋالغۇشنىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغداش ھەر بىر پۇقرا بىلىشكە تېگىشلىك ئورتاق تونۇش.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كىشىلەر تۇرمۇشتىن مەھرۇم بولغاندا، ئەسلىدىكى تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما دۇنيادا پۇشايماننىڭ دورىسى يوق، بىز پۇشايمان قىلغان چېغىمىزدا، ھەممە نەرسە بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ۋەتەنلا بىزنىڭ يۆلەنچۈكىمىز بولالايدۇ، ۋەتەننىڭ كۈچلۈك، مۇقىم بولۇشى پۇقرالارنىڭ بەختلىك، ئەركىن بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئازاب – ئوقۇبەتلىك كونا جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى بىزگە كۆپ ساۋاق، ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بىز غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەپيۈنىنى ئالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلار سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى ئارقىلىق بېيجىڭنى كۆيدۈردى؛ زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان سودا بىزنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسىگە ئايلاندۇردى، ئۇلار يەنە زىيىنىنى بىزگە تۆلەتتى؛ شەندۇڭنى بەرمىسەك جياۋۇ ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، شىمالىي دېڭىز ئارمىيەمىزنى ئوققا تۇتتى؛ شەرقىي شىمالنى تالىشىش، بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىشتىن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغىچە 300 مىڭچە قېرىندىشىمىز بىزدىن ئايرىلدى. بۇ دۇنيادا ھەقىقەت بارمۇ؟ ئادالەت نەدە قالدى؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ نامراتلىقىمىز، ئاجىزلىقىمىز، ئىتتىپاقسىزلىقىمىزدىن بولۇۋاتمامدۇ؟ ئەزەلدىن ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇپ كەلگەن، دۆلىتىڭ بولمىسا، ئائىلەڭنىڭ بولۇشىنى ئويلىما.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنى ھېمايە قىلىمىز، چۈنكى بىز نۇرغۇنلىرىمىز تەبىئىي ئاپەتلەرنى، ئون يىللىق بالايىئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەن، تاغلارغا ۋە يېزىلارغا بېرىپ باققان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى بېشىمىزدىن كەچۈرگەن. چۈنكى بىز بىرىنچىدىن كەمبەغەل، ئىككىنچىدىن قالاق ھالەتتىكى جۇڭگونىڭ نەچچە ئون يىللىق گۈللەپ راۋاجلىنىشى، ئۆزگىرىشىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن، ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن، ھەممىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا بۇنداق چوڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلسا، قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو قالايمىقانلىشىپ كەتسە، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى بالايىئاپەتكە ئۇچرايدۇ. ھازىر جۇڭگودا 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن 180 مىليون كىشى بار، بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەرزەنتلىرىنى دۆلەتكە ئىش تېرىپ بەرمەسلىك توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار دۆلەت بولمىسا ئائىلە بولمايدىغانلىقى، ھەر قانداق چوڭ پىكىر، ھەر قانداق چوڭ ئاداۋەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلەتنى قالايمىقان قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ھەر قانداق كىشىدىن بەكرەك بىلىدۇ.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭغا ئىشىنىمىز، چۈنكى ئۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ، ئۇ ئۇزاق ۋاقىت سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان، مول تەجرىبىگە ئىگە. ئۇ ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ جۇڭگونىڭ خەلق ئەھۋالىنى، دۆلەت ئەھۋالىنى، يەرلىكنى، مەركەزنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ كۈچلۈك ئەقىل – پاراسىتى، سېھرىي كۈچى، شىجائىتى، دانالىقى، ئېغىر – بېسىق مىجەزى، تەمكىنلىكى، قەيسەرلىكى، پولاتتەك قاتتىق ئىستىلى ئۇنىڭدا ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا كۆڭلىدە سان تۇرغۇزۇپ، تولۇق ئويلىنىپ ئىش قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنى قوللايمىز، چۈنكى ئۇنىڭدا ‹‹ھۈنىرى بار قول ئۆلمەس›› دىگەندەك ئەقىل پاراسەت، ‹‹يولۋاس بىلەن ئېلىشالايدىغان›› يۈرەك ۋە تاكتىكا بار. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدى بىلەن ئىشنى پارتىيە ئىچىدىن، يۇقىرى قاتلامنى تۇتۇشتىن باشلاش كېرەك. بۇ ھەقىقەتنى ھەممە كىشى بىلىدۇ، بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا مىخقا ئۈسۈشكە جۈرئەت قىلىش – قىلالماسلىقتا. مىخقا ئۈسۈشكە، چوڭ مەنپەئەت گۇرۇھىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلغاندىلا، ‹‹بىرگە جازا، مىڭغا ئاگاھ›› رولىنى جارى قىلدۇرغىلى، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئەلنى ئامان ۋە يۇرتنى تىنچ قىلغىلى بولىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر غەربلىكلەر جۇڭگونى چوڭ دۆلەت، ئەمما كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس، دەپ قارايدۇ، شۇڭا دۆلەت كۈچلەنمەي تۇرۇپلا، ئۆزىمىز قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرساق بولمايدۇ. قەددىمىزنى رۇسلاپ، ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيەيلى، دۆلىتىمىز روناق تاپقاندىلا، مىللەت ئىناق – ئىجىل ئۆتكەندىلا، كۆپچىلىكنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر