باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند زۇڭلىسى يىڭلاك شىناۋاترا پارلامېنتنى شەرتلىك تارقىتىۋېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى كوللېكتىپ ئىستېپا بەردى

2013.12.09 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-چېسلا تايلاندتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ كۆرسىتىش پائالىيى ئىزچىل داۋاملاشتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تايلاندتىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتلار پارتىيەسى ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، تۆت سائەت كەسكىن مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق، 160 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتتىن كوللېكتىپ ئىستېپا بېرىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى سېپىگە قوشۇلۇشنى قارار قىلدى.

  مەزكۇر پارتىيەنىڭ باياناتچىسى چاۋانان مۇنداق دېدى: پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ بىرقاتار قىلمىشلىرى ۋە مىليونلىغان ئاممىنىڭ سىياسىي تەلىپى كۆرسەتتىكى، تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسى (تايلاندچىسى PhakPhur Thai) كونتىروللۇقىدىكى پارلامېنت تايلاند خەلقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلمايدۇ، شۇڭا دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى كوللېكتىپ ئىستېپا بېرىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى سېپىگە قوشۇلۇشنى قارار قىلدى.

  يىڭلاك ھۆكۈمىتى كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتكە قارىتا ئىنتايىن سوغۇققان بولدى. 8-چېسلا چۈشتىن كېيىن، يىڭلاك پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ناۋادا پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسى بولسا، ھەم نۆۋەتتىكى قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىپ، دۆلەتنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرالىسا، مەن پارلامنتنى تارقىتىۋېتىشنى خالايمەن، لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى، ئۆكتىچى پارتىيە بۇ ھەل قىلىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشى ھەم قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە 60 كۈن ئىچىدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. يىڭلاك مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدىكى قالايمىقانچىلىقنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئومۇمىي خەلق قارار قىلىشى كېرەك، كوچىغا چىقىپ كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى قىلىپ ھۆكۈمەتنى تەختتىن چۈشۈرۈش يولىنى تۇتۇشقا بولمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر