باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تۆمۈريول12306» يانفون تېرمىنالى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2013.12.09 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، تۆمۈريول تارمىقىنىڭ يانفون بېلەت سېتىۋېلىش تېرمىنال «تۆمۈريول12306» سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپتۇ، ئۇ يولۇچىلارنى ئۇچۇر ئاختۇرۇش، بېلەت سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  «تۆمۈريول12306»نىڭ سىنبەلگىسى قىزىل رەڭلىك تۆمۈريول بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كۆك بەلگە بولۇپ، قىزىل رەڭلىك تۆمۈريول بەلگىسىنىڭ ئاستىدا «جۇڭگو تۆمۈريولى» دېگەن خەنزۇچە خەت بار ئىكەن. «تۆمۈريول12306»نى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. ئاندىرويىد سىستېمىلىق يانفونلارغا www.12306.com تور بېكىتىدىن بىۋاسىتە چۈشۈرۈشكە، ئايفونلارغا ئالما شىركىتىنىڭ ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرۈشكە بولىدىكەن. (يەن بىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر