باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى جەملەش جەدۋىلى ئېلان قىلىندى

35 ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك 35 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 مىڭغا يېقىن ئادەم تەكشۈرۈلدى

2013.12.03 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:بۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ 8تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى جەملەش جەدۋىلى ئېلان قىلىندى. ئىستاتىستىكىغاقارىغاندا، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن جەمئىي 17 مىڭ 380 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىكتىن 217، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكتىن 904، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىكتىن 16 مىڭ 259 بار ئىكەن. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 19 مىڭ 896 ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، بۇ ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك 35 ئادەم، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك769 ئادەم، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك19مىڭ 92 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك 15 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4675 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىپتۇ. (مۇخبىر جياڭ جيې خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر