تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا ئونتارىئودىكى 23 ياشلىق مون خانقىز ئەپسانىۋى دۇنياغا غەرق بولغان بولۇپ، ئۆزىنى ئىزچىل تۈردە ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن پەرقلىق دەپ ئويلايدىكەن ۋە ئۆزىنىڭ ‹‹ئالدىنقى يارالمىشىدا پەرىزات قىز بولۇپ ياشىغان››لىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىكەن.
يېقىندا، بۇ قىز تەخمىنەن 250 فوندستېرلىڭ خەجلەپ، شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق قۇلىقىنى ‹‹سېھىرلىك ئۈزۈك›› فىلىمىدىكى زېرەك جىننىڭ قۇلىقىدەك ئۇزۇن ۋە ئۇچلۇق قىلىۋالغان ھەم تورغا سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ، ھازىرقى ھالىتىدىن ھەر ھالدا رازى ئىكەنلىكىنى، ئەمدى بىر جۈپ قاناتنىڭ كەم بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.