باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرالارنى تېخىمۇ بىخەتەر دورا يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2014.01.13 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىتىش تەلىپى ھەمدە ئارزۇسىنى بوشاشماي تىرىشىشنىڭ بېسىمى ھەمدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىدە قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، قانۇنسىز خۇرۇچ قېتىش ۋە قانۇنسىز تەشۋىق قىلىشقا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت 4 گە زەربە بېرىش ھەمدە بوۋاقلار سۈت تالقىنىنى مەخسۇس ئۇنىۋېرسال رەتكە سېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى.

  ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىدە تۆت قانۇنسىز قىلمىشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ بىر تۈركۈم قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، بىر تۈركۈم چوڭ، مۇھىم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى ساپلاشتۇرۇپ، ئاۋامنىڭ ئىستېمال ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  دورا ۋە يېمەكلىك مەسىلىسى ئامما ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە، ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى جەمئىي 4794 دېلو تۇرغۇزدى ھەمدە 20 چوڭ دېلونى ۋىۋىسكا نازارەت قىلىپ بېجىردى.

  سۈت يېمەكلىكلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكى زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، شۇنداقلا زور ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي مەسىلە، يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بوۋاقلار سۈت تالقىنى سۈپىتى بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بوۋاقلار سۈت تالقىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى جۈملىدىن دورا باشقۇرۇش چارىسىغا ئاساسەن، بوۋاقلار سۈت تالقىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتتى، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن ئۆزى كونترول قىلالايدىغان سۈت مەنبىيى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، زاۋۇتتىن چىققان مەھسۇلاتلارنى تولۇق تەكشۈرۈشنى، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئالدىن تۆلەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر