باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوئان نېمە ئۈچۈن ساقچىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ؟(1)

2014.01.13 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئاخبارات، تەشكىللىك جىنايەت، پۇل-مۇئامىلە جىنايىتى، تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش قاتارلىق تارماقلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان350 ساقچى خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىتىۋېتىلدى ھەمدە باشقا جايدىكى ساقچى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ 15 شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسنىڭ باشلىقى ۋە تۈركىيە ساقچى قىسمى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى 7-يانۋار كەچتە تۇيۇقسىز باش مىنستىر ئەردۇئان تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئەردۇئان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىر قاتار كادىرلار ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى قىسىمنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى ئەربابلار :بۇ ھۆكۈمەتنىڭ «سىياسىي ئۆزگىرىش» قوزغىشى، ساقچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ چېرىكلىك سەتچىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىق، دەپ ھېسابلىدى.

  ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، تۈركىيە ساقچىلىرى قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىشتىكى چېرىكلىككە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ مىنىستىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سودىگەر، بانكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 كىشىنى قولغا ئالدى، بۇ كىشىلەر چېرىكلىك، پۇل يۇيۇش، ئالتۇن ئەتكەسچىلىكى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىبلەندى. خەۋەرگە قارىغاندا، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە تۈركىيەدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ بىر خوجايىنى بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ باش مىنستىر ئەردۇئان بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇقكەن.

  12-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيەنىڭ 10 چوڭ شەھىرىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى پارتلىدى، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر باش مىنستىر ئەردۇئان ۋە باشقا بۇ دېلوغا چېتىشلىق ئەمەلدارلاردىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان چېرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزەشنى تەلەپ قىلدى، ئىچكى ئىشلار، ئىقتىساد ۋە مۇھىت مىنىستىرىنىڭ پەرزەنتلىرى چېرىكلىك سەتچىلىكى بىلەن چېتىشلىق بولغاچقا شۈ كۈنىلا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. ئۈچ كابىنېت مىنىستىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان شۈ كۈنى، باش مىنستىر ئەردۇئان دەرھال جىددىي كابىنېت يىغىنى ئاچتى ھەمدە كابىنېتتا كەڭ دائىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بىراقلا ھۆكۈمەتنىڭ 10مىنستىرىنى ئالماشتۇردى.

  تۈركىيە قانۇنىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ دېلونى قاراپ چىقىش ۋە چېرىكلىك سەتچىلىكى دېلوسىنى تەكشۈرگەن سوتچى ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، ئەمما ساقچى ئىدارىسىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا.

  كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتكە قارىتا، باش مىنستىر ئەردۇئان قاتتىق پوزىتسىيەدە بولدى، ئۇ ساقچىلارنى ھۆكۈمەتنىڭ چېرىكلىك سەتچىلىكىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى بىر مەيدان سىياسىي سۇيىقەست، سىرتقى كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولغان، دۆلەت ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. شۇڭا باش مىنستىر ئەردۇئان بۇ چېرىكلىك سەتچىلىكىنى تەكشۈرۈش دېلوسىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساقچى قىسمىنى كەڭ دائىرىدە تازىلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر