باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ماقالە يېزىپ، ئابىشنزونى تەنقىد قىلدى

2014.01.13 09:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ياسۈكۈنىي ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ تەنقىد قىلىنىپمۇ يەنە ھوشىنى يىغماي تاۋاپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋىرىمەن، دېدى. ئابىشىنزۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا جۇڭگو باش ئەلچىنى چاقىرىتىپ كۆرۈشۈش قاتارلىق دىپلوماتىيە يوللىرى بىلەن كەسكىن ئىپادىسىنى بىلدۈردى، بىر قانچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى چەتئەللەردىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئابىشىنزۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى، جۇڭگونىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ بۇ ماقالىلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇيدىغان بولساق، ھەر قايسىنىڭ ۋەزىنى چوڭقۇر، قانۇنىي نەزەرىيە، تارىخ قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئابىشىنزۇنىڭ ياسۈكۈنىي ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش ھەرىكىتىگە رەددىيە بېرىلگەن ھەمدە ئەيىبلەنگەن. جۇڭگونىڭ رۇسىيە، ئەنگلىيە ، ئاۋسترىيە، كانادا، جەنۇبىي ئافرىقا، بوسىنىيە-گېرتسېگوۋېنا، شۋېتىسىيە، ئاۋسترالىيە ، ۋانۇئاتۇ، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئابىشىنزۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر