باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى بولغان نازارەتنى كۈچەيتتى

2014.01.13 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، 12 مىڭ 380 قىسقا ئۇچۇردا پاش قىلىش سەھنىسى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى، ئورگان ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، تەرتىپكە سېلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا، «يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا، بىر تەرەپتىن ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرغان كادىرلارغا ئىلھام بېرىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئوبراز قۇرۇلۇشى، نەتىجە قۇرۇلۇشىغا بېرىلىپ كەتكەن كادىرلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى يەنە كاللىسى قىزىپ كېتىپ تەدبىر بەلگىلەيدىغان، قارىسىغا ئىش قىلىدىغان قىلمىشلاردىن توسۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئەمەلدارلىق كويىدا چېپىش، ئەمەل سودىسى قىلىش، سايلامدا پارا بېرىش قاتارلىق ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارغا كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، قاتتىق يىرگىنىدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا، 12 مىڭ 380 قىسقا ئۇچۇردا پاش قىلىش سەھنىسى قۇرۇپ، خەت، تېلېفون، تور، قىسقا ئۇچۇر بىر گەۋدىلەشكەن ھەر تەرەپلىمە ئەرزلەرنى قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش سەھنىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 18 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەزگە قاراشلىق توققۇز ئورۇننىڭ كادىرلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى مەخسۇس تەكشۈردى، يەنە شەھەر، ناھىيە قاتارلىق جايلاردىكى 120 ئورۇننى ئارىلاپ تەكشۈردى. تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى، ئۆلچىمى، تەرتىپى، ئىنتىزامى، ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە 102 مەسىلىنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم چەكلىك مۇددەتتە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر