باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە شەھەر ياردەم تۈرىدىن 1100نى ئورۇنلاشتۇردى

2014.01.13 10:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19ئۆلكە شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1100نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 10مىليارد 600مىليون يۈەن ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى، بۇ تۈر بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. نۇقتىلىق ھالدا خەلقنى بېيىتىپ، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ جەھەتتىن يۆلەش قاتارلىق تۈرلەر يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 4-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئىشقا ئورۇنلاش ئالدى ئىستراتىگىيەسىنى يولغا قويۇش، مائارىپ مەزمۇنىنى يېڭىلاش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تەشكىللىك يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەرگە تېخىمۇ قارىتىپ، دۆلەتنىڭ « شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنى باشقۇرۇش ۋاقتىلىق چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئىشخانا بىناسى، مېھمانخانا قاتارلىقلارنى سېلىشقا ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، توقۇمچىلىق، كىيىم -كېچەك قاتارلىق ئەمگەك زىچ كەسىپلەرنى تەرەققىياتى ۋە باغچىلاشقان رايون قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سەھنىسى قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئامما بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى كارخانىلارغا بېرىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر