باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى قەھرىماننى كۈتمەكتە(1)

2014.01.13 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتۇرا شەرق سىياسىي سەھنىسىدىكى ئاجايىپ شەخس ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون سەككىز يىل بىھوش ياتقاندىن كېيىن ھايات مۇساپىسىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۇنىڭ قەھرىمان ياكى جاللات، توپا تۈرتۈش ماشىنىسى ياكى تىنچلىق كەپتىرى ئىكەنلىكىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان جاۋابلارنى بەردى. لېكىن سەكتە كېسىلى بولۇشتىن ئىلگىرىكى بىر قاتار زور تەدبىرلىرى ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تار مەنىدىكى قۇرغۇيچىدىن ئىدراكىي سىياسىيونغا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇكى شۇكى ئۇ ناھايىتى كېچىپ تەقدىر ئۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرەلمىدى.

  شاروننىڭ نام قازىنىشى ئۇرۇش مەيدانى ۋە قىرغىنچلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ھەممە ئېتىراپ قىلغان قۇرغۇيچى. ئىسرائىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى لىكود گۇرۇھىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. تىنچلىق سۆھبىتىدە كۆپ قېتىم كەسكىن قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينىغان. ئۇ ئاتاقلىق ھەربىي قوماندان، ئىسرائىلىيىلىكلەر نەزىرىدىكى مۇدھىشلىك ئۇرۇشتا ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغۇچىمۇ دېيىلىدۇ . 2000-يىلى ئۇ ئىسلام دېنىنىڭ مۇقەددەس جايى ئاقسا مەسچىتىگە سوقۇنۇپ كىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، نەچچە يىلغا سوزۇلغان ئېچىنىشلىق پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرقتە ئەڭ كۆپ بولغىنى ئۇرۇش. ئىسرائىلىيە بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشتا غەلبە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەرەب دۇنياسىنى بوي سۇندۇرالمىدى. تېخىمۇ مۇھىمى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. 2001-يىلى شارون باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن، بىر مەھەل پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىقىنى قاتتىق باستۇرۇشقا ئورۇندى . ئۇ خاماس رەھبىرى ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئىزباسارى لانتىسنى يوقاتتى؛ پەلەستىننىڭ سابىق رەھبىرى ئاراپات راماللاھتىكى خارابىلىككە ئايلانغان مەھكىمىسىگە قاپسىلىپ ئاخىرى قايغۇ نەپرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھەيۋەتلىك ئېگىز پاسىلتام سالغان بولسىمۇ، لېكىن شارون ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالمىدى. پەلەستىنلىكلەر بىرسى يىقىلسا يەنە بىرسى ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۆزىنى ئۆلۈۋېلىش شەكلىدە ھۇجۇم قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر